Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇسانىڭ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە بەخت تىلىشى

1 بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر.

2 مۇسا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن، سەئىر زېمىنىدىن بىزگە زاھىر بولدى، پاران تېغىدىن نۇر چاچتى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئىدى، ئوڭ قولىدىن ئوت چاچتى.

3 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.

4 مەن سىلەرگە خۇدانىڭ قانۇنىنى يەتكۈزدۈم، بۇ قانۇن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ مۈلكىدۈر.

5 ئىسرائىل قەبىلىلىرى يىغىلغاندا، ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى توپلانغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولدى.»

6 مۇسا رۇبېن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «رۇبېن قەبىلىسى ياشىسۇن، يوقالمىسۇن، لېكىن ئۇنىڭ سانى ئاز بولىدۇ».

7 مۇسا يەھۇدا قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغايسەن يەھۇدانىڭ ئىلتىجاسىغا. ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەيسەن خەلقىمىزنىڭ ئارىسىغا، ئۇ ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ. ياردەم بەرگەيسەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا».

8 مۇسا لاۋىي قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ‹تۇممىم› ۋە ‹ئۇرىم›نى بەرگەنسەن ساداقەتمەن لاۋىيلارغا. ئۇلارنى سىنىدىڭ ماسساھتا، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭ مىرىبا سۈيىدە.

9 ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.

10 ئۇلار سېنىڭ ئەمر، قانۇنلىرىڭنى يەتكۈزىدۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى ئىسرائىللارغا. خۇش پۇراق ئىسرىقلارنى ئالدىڭغا قويىدۇ، قۇربانلىق سۇپاڭدا قۇربانلىق مالنى پۈتۈن كۆيدۈرىدۇ.

11 ئى پەرۋەردىگار، كۈچ ئاتا قىلغىن ئۇلارغا، قوبۇل قىلغىن خىزمەتلىرىنى، سۇندۇرغىن دۈشمەنلىرىنىڭ بېلىنى، قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويغىن رەقىبلىرىنى.»

12 مۇسا بىنيامىن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگارنىڭ ياخشى كۆرگەن قەبىلىسى پەرۋەردىگارنىڭ قۇچىقىدا بىخەتەردۇر، پەرۋەردىگار كۈنبويى قوغدايدۇ ئۇلارنى.»

13 مۇسا يۈسۈپ قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىغا بەخت ئاتا قىلسۇن. ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم، يەر ئاستىدىن چىققان بۇلاق سۇلىرى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن.

14 ئاپتاپتا پىشقان مېۋىلەر مول بولسۇن، ئۇلار ئايمۇئاي مول ھوسۇل ئالسۇن.

15 قەدىمىي تاغلاردىن، مەڭگۈلۈك ئېدىرلىقلاردىن ئالغان ھوسۇللىرى ئەڭ ئېسىل بولسۇن.

16 كۆيۈۋاتقان چاتقاللىقتا چاقىرغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مول ئىلتىپات كۆرسىتىپ، پۈتۈن زېمىنىنى ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن تولدۇرسۇن. بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونسۇن.

17 يۈسۈپ تۇنجى تۇغۇلغان بۇقىدەك، ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ يات ئەللەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسۈپ، تاكى زېمىننىڭ چېتىگىچە سۈرىدۇ. ئەفرايىمنىڭ تۈمەنلىگەن لەشكەرلىرى ۋە ماناسسەنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدۇر.»

18 مۇسا زەبۇلۇن ۋە ئىسساكار قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «زەبۇلۇنلار سىرتقا چىققاندا خۇرسەن بولسۇن، ئىسساكارلار چېدىرلىرىدا تۇرغاندا شادلانسۇن.

19 ئۇلار خەلقنى تاغقا چىقىشقا چاقىرىپ، ئۇ يەردە دۇرۇس بولغان قۇربانلىقلارنى قىلىدۇ. ئۇلار دېڭىزدىن بايلىق، قۇملۇقتىن گۆھەر ئالىدۇ.»

20 مۇسا گاد قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن خۇدا مەدھىيەلەنسۇن! گاد ماراپ ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، ئولجىسىنىڭ بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

21 ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى زېمىننى تاللىدى. باشلىقنىڭ نېسىۋىسى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇلدى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى جەم بولغاندا، گاد پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتىنى ئىجرا قىلدى، ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلدى.»

22 مۇسا دان قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «دان قەبىلىسى شىرغا ئوخشاش باشاندىن سەكرەپ چىقىدۇ.»

23 مۇسا نافتالى قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي نافتالىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نائىل بولۇپ، ئۇ بەرگەن بەختكە تولدۇرۇلىسىلەر، غەرب ۋە جەنۇبتىكى زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر.»

24 مۇسا ئاشېر قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئاشېرلار جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختلىكىدۇر، ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىدۇ، پۇتلىرى زەيتۇن يېغى بىلەن يۇيۇلىدۇ.

25 شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بالداقلىرى تۆمۈر ۋە تۇچ بولىدۇ. بىر ئۆمۈر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ ئۆتىدۇ.»

26 «ئەي ئىسرائىللار، خۇداغا ئوخشايدىغان بىرمۇ زات يوقتۇر، ئۇ بۇلۇتلارنى مىنىپ، سىلەرگە ياردەمگە كېلىدۇ، ئاسماندا ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدۇ.

27 ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر. ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.

28 ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ، ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ.

29 ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan