Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇسانىڭ مۇناجاتى

1 ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.

2 يۇمران چۆپنى ھۆل قىلغان، بېدىلەرنى سۇغارغان يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن تەلىملىرىم، شەبنەم كەبى چۈشسۇن سۆزلىرىم.

3 مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن، سىلەر خۇدايىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكىنى مەدھىيەلەڭلار.

4 ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.

5 لېكىن سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار ئۇنىڭغا، ئەيىبلىكسىلەر، مۇناسىپ ئەمەسسىلەر ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشقا. سىلەر چىرىك ۋە رەزىل ئەۋلادتۇرسىلەر.

6 ئەي بىلىمسىز، نادانلار، مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىلەر پەرۋەردىگارغا؟ ئۇ سىلەرنى ياراتقان ئاتاڭلارغۇ؟ سىلەرنى بىر خەلق قىلدىغۇ؟

7 ئەسلەپ بېقىڭلار ئۆتمۈشۈڭلارنى، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار تارىخىڭلارنى. سورىساڭلار ئاتاڭلاردىن، سۈرۈشتۈرسەڭلار ئاقساقاللاردىن، جاۋاب بېرىدۇ ئۇلار.

8 ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى، ئايرىغاندا ئىنسانلارنى، ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى.

9 لېكىن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ياقۇپ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر.

10 قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى. باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى.

11 خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەندەك بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى كېرىپ قاناتلىرىنى، كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك بالىلىرىنى.

12 پەرۋەردىگار ئۆزى يالغۇز خەلقىنى باشلاپ ماڭغاندا، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى يوق ئىدى يېنىدا.

13 ئۇلارنى ئېگىزلىكتىكى يۇرتقا ھاكىم قىلدى، ئېتىزلىرىنىڭ ھوسۇلىنى يېگۈزدى. تېتىتتى قىيا تاشتىن بالنىڭ تەمىنى، تاشلىق يەردىن زەيتۇن يېغىنى.

14 كالا قېتىقى، قوي سۈتى ئىچكۈزدى. يېگۈزدى سېمىز پاقلان، باشاننىڭ قوي، ئۆچكىلىرىنى ۋە ئەڭ ئېسىل بۇغدايلارنى. ئىچكۈزدى ئۈزۈم شارابىنى.

15 لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ، سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى.

16 يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى قىزغاندۇردى، يىرگىنچلىك بۇتلارغا سېغىنىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈردى.

17 ئۇلار خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار بۇرۇن بىلمىگەن، كېيىن ئاڭلىغان، ئەجدادلىرى چوقۇنمىغان ئىلاھلارغا چوقۇندى.

18 ئۇلار تەرك ئەتتى ئۆزلىرىگە ھاياتلىق بەرگەن خۇدانى، ئۇنتۇدى ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاشۇ قورام تاشنى.

19 كۆرۈپ پەرۋەردىگار بۇ رەزىللىكنى غەزىپى تېشىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تاشلىدى.

20 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «بۇ چىرىك خەلق، ۋاپاسىز ئەۋلاد بىلەن كارىم يوق! قېنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىكىن، كۆرۈپ باقاي.

21 ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى، ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن. ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن.

22 غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.

23 ئۇلارنىڭ بېشىغا داۋاملىق بالا كەلتۈرىمەن، ئوقلىرىمنى ئۇلارغا تۈگىگۈچە ئاتىمەن.

24 ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. كېسەللىك ۋە ۋابا ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن.

25 سىرتنى قىر-چاپ، ئۆي ئىچىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ. ئوغۇل، قىز، بوۋاق، قېرىلارمۇ ھالاك بولىدۇ.

26 مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم، ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى.

27 لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ چۈشەنمەي، مازاق قىلىپ: ‹ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئەمەس، بەلكى بىز مەغلۇپ قىلدۇق› دېيىشىنى خالىمىدىم.

28 ئىسرائىللار ئەقىلسىز، ئىدراكسىز خەلقتۇر.

29 ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن، ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى.

30 ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى، ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟

31 دۈشمەنلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قورام تېشىنىڭ بىزنىڭ قورام تېشىمىزغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

32 دۈشمەنلىرىمىز سودوملۇقلارنىڭ نەسلىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار گومورادا ئۆسكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ. ئۈزۈمىنىڭ دانىلىرى قىرتاق، ساپاقلىرى زەھەردۇر.

33 ئۈزۈمىنىڭ شارابلىرى يىلان، يەنى كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ ئەجەللىك زەھىرىگە ئوخشايدۇ.

34 مەن ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى دىلىمدا ساقلايمەن. ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۇلارنى جازالايمەن.

35 ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»

36 پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە، قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا، پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

37 پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر پاناھلىنىدىغان ‹قورام تېشىڭلار› قەيەردە؟

38 سىلەر ئىلاھلىرىڭلارغا قۇربانلىق ياغلارنى سۇندۇڭلار، شاراب ھەدىيە قىلدىڭلار. ئۇنداقتا ئۇلار كېلىپ، سىلەرگە ياردەم قىلسۇن، ئۇلار سىلەرنى قوغدىسۇن!

39 بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.

40 مەن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

41 مەن پارقىراق قىلىچىمنى بىلەپ ئىتتىكلىتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئادالەتنى ئورنىتىمەن. دۈشمەندىن قىساس ئالىمەن، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ نەپرىتىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىمەن.

42 ئوقلىرىمنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن مەست قىلىمەن. قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن تويدۇرىمەن. ئەسىرلەرنىڭمۇ قېنىنى تۆكىمەن، يېتەكچىلىرىنىڭمۇ باشلىرىنى ئالىمەن.»

43 ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.

44 مۇسا ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بۇ مۇناجاتنى جامائەتكە ئوقۇپ بەردى.

45 ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

46 _ مېنىڭ بۈگۈن ئېيتقان بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. بۇ قانۇندىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىشنى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇيرۇڭلار.

47 بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپلەر ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭلاردۇر. بۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىندا ئۇزۇن ياشالايسىلەر.


مۇسانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى توغرىسىدا

48 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

49 _ ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى موئابنىڭ ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىغا چىققىن. ئۇ يەردىن مەن ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان كەنئان زېمىنىغا نەزەر سالغىن.

50 ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئالەمدىن ئۆتكەندەك، سەنمۇ ئۆزۈڭ چىققان نىبو تېغىدا ئالەمدىن ئۆتىسەن.

51 ھارۇن ئىككىڭلار زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى مىرىبا سۈيىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ماڭا ساداقەتسىزلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار ۋە مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار.

52 شۇڭا سەن، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىننى يىراقتىنلا كۆرىسەن، لېكىن ئۇ يەرگە كىرەلمەيسەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan