Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىتائەتمەنلىكنىڭ نەتىجىسى

1 _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئالەمدىكى بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ.

2 پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلساڭلار، بەرىكەت تاپىسىلەر ۋە بەرىكەت سىلەرگە ھەمراھ بولىدۇ.

3 مەيلى سىلەر شەھەردە ياكى يېزىدا بولۇڭلار، بەختلىك بولىسىلەر.

4 بالىلىرىڭلار بەختلىك، ئېتىزىڭلار ھوسۇللۇق بولىدۇ، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە باشقا چارۋا ماللىرىڭلار كۆپ بولىدۇ.

5 سېۋەتلىرىڭلار ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان جاۋۇرلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ.

6 ئۆيدە بولساڭلارمۇ، يولدا بولساڭلارمۇ بەختلىك بولىسىلەر.

7 پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان دۈشمىنىڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا مەغلۇپ قىلىدۇ. دۈشمىنىڭلار سىلەرگە بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولسا، ئۆزلىرى جانلىرىنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

8 پەرۋەردىگار بارلىق ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئامبارلىرىڭلارنى ئاشلىققا تولدۇرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.

9 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتساڭلار، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى قىلىدۇ.

10 يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان خەلق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ ھەم سىلەردىن قورقىدۇ.

11 پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا سىلەرنى روناق تاپقۇزىدۇ. ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ، ئېتىزىڭلارنى ھوسۇللۇق قىلىدۇ.

12 پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ئەرشتىكى خەزىنىسىنى ئېچىپ، ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ھەممە ئىشىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەر باشقا نۇرغۇن ئەللەرگە قەرز بېرىسىلەركى، ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر.

13 مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى قۇيرۇق ئەمەس، بەلكى باش قىلىدۇ، ئورنۇڭلار پەستە ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا بولىدۇ.

14 مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئەمرلەردىن چەتنەپ كەتمەڭلار، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار.


ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى

15 _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلمىساڭلار، تۆۋەندىكى قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.

16 مەيلى شەھەردە ياكى يېزىدا بولۇڭلار، ئوخشاشلا قارغىشقا قالىسىلەر.

17 سېۋەتلىرىڭلار ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان جاۋۇرلىرىڭلارمۇ قارغىشقا قالىدۇ.

18 پەرزەنتلىرىڭلار، ئېتىزلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار قارغىشقا قالىدۇ.

19 ئۆيدە بولساڭلارمۇ، يولدا بولساڭلارمۇ قارغىشقا قالىسىلەر.

20 پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، رەزىللىك قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قالىسىلەر، پاراكەندە بولىسىلەر. ھەممە ئىشىڭلار ئوڭۇشسىز بولۇپ، ئاخىرى تۇيۇقسىز خاراب بولىسىلەر.

21 ئۇ سىلەرنى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ، كېسەللىكلەر سىلەر ئىگىلىگەن زېمىندا سىلەر ۋەيران بولغۇچە داۋام قىلىدۇ.

22 تاكى سىلەر ھالاك بولغۇچە، پەرۋەردىگار سىلەرنى قىزىتما، ياللۇغ ۋە ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ئىسسىق شامال ۋە قۇرغاقچىلىق ئەۋەتىپ، زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ ياكى نەملىك بىلەن چىرىتىدۇ.

23 ئۇ يامغۇر ياغدۇرماي، ئاسماننى تۇچ، يەرنى تۆمۈردەك قاتتىق قىلىدۇ.

24 سىلەر تاكى ۋەيران بولغۇچە ئاسماندىن يامغۇر ئورنىغا چاڭ-توزان ياغدۇرىدۇ.

25 ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.

26 جەسىتىڭلار قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى قوغلىغۇدەك ئادەم بولمايدۇ.

27 پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.

28 ئۇ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ساراڭ قىلىدۇ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدۇ.

29 خۇددى قارىغۇ ئادەم يول تاپالماي، تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك، سىلەرمۇ كۈپكۈندۈزدە تىمىسقىلاپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايسىلەر. ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ.

30 توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىڭلارنى باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ. ئۆي سالساڭلار، ئۆيۈڭلاردا ياشىيالمايسىلەر. ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلساڭلار، ئۈزۈمۈڭلارنى ئۆزۈڭلار يېيىشكە نېسىپ بولمايدۇ.

31 كالاڭلارنىڭ سويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۆشىنى يىيەلمەيسىلەر. ئېشەكلىرىڭلار تارتىۋېلىنىپ، قايتۇرۇلمايدۇ. قويلىرىڭلار بۇلانسىمۇ، سىلەرگە ھېچكىم ياردەم قىلمايدۇ.

32 ئوغۇل-قىزلىرىڭلار يات ئەل تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىسىلەر، لېكىن قۇتقۇزۇشقا ئامالىڭلار بولمايدۇ.

33 سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر.

34 بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتتىن ساراڭ بولىسىلەر.

35 پەرۋەردىگار ئىككى پۇتۇڭلارنى ساقايماس يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. بېشىڭلاردىن پۇتۇڭلارغىچە پۈتۈن تېنىڭلارنى يىرىڭلىق چاقا بىلەن تولدۇرىدۇ.

36 پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە پادىشاھىڭلارنى سىلەر ۋە ئەجدادىڭلار نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەلگە سۈرگۈن قىلىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.

37 سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئەللەردە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىسىلەر.

38 كۆپ ئۇرۇق چاچساڭلارمۇ ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر، چۈنكى زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ.

39 ئۈزۈم تىكىپ، ئۈزۈملۈك بەرپا قىلساڭلارمۇ، ئۈزۈم يىيەلمەيسىلەر، شاراب ئىچەلمەيسىلەر. چۈنكى ئۈزۈمۈڭلارنى قۇرتلار يەپ كېتىدۇ.

40 پۈتۈن زېمىنىڭلاردا زەيتۇن دەرىخى ئۆسسىمۇ، تېنىڭلارغا زەيتۇن يېغى سۈرتەلمەيسىلەر. چۈنكى زەيتۇنۇڭلار پىشماي تۇرۇپ، تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

41 ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يېنىڭلاردا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

42 دەرىخىڭلارنى، يېرىڭلاردىن چىققان زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ.

43 ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىدۇ، سىلەر كۈندىن-كۈنگە خارابلىشىسىلەر.

44 ئۇلار سىلەرگە قەرز بېرىدۇ، سىلەر ئۇلارغا قەرز بېرەلمەيسىلەر. ئۇلار باش، سىلەر قۇيرۇق بولىسىلەر.

45 پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇ ئەمر قىلغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، مۇشۇ قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە سىلەرگە ياندىشىدۇ.

46 بۇ قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالايىئاپەتلەر سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ.

47 چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ھەر جەھەتتىن بەرىكەت ئاتا قىلسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا خۇشال ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خىزمەت قىلمىدىڭلار.

48 شۇ سەۋەبتىن سىلەر بارلىق نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ، ئاچ، يالىڭاچ ۋە چاڭقىغان ھالدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ قۇلى بولىسىلەر. سىلەر تاكى ھالاك بولغۇچە، دۈشمەن تۆمۈر بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سالىدۇ.

49 پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر.

50 ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدۇ. چوڭلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ، كىچىكلەرگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.

51 ئۇلار تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، چارۋا ماللىرىڭلارنى ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇللىرىڭلارنى يەيدۇ. سىلەرگە يا ئاشلىق، يا شاراب، يا زەيتۇن يېغى، يا قوزا ياكى موزايلارنى قالدۇرمايدۇ. سىلەر ھالاك بولىسىلەر.

52 ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ تايىنىدىغان ئېگىز، مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پۈتۈن زېمىنىڭلاردىكى شەھەرلىرىڭلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.

53 دۈشمەن سىلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىڭلاردا، ئۆزۈڭلارنىڭ بالىلىرىنى، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەيسىلەر.

54-55 دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان شەھەرلىرىڭلاردا ئاچلىقنىڭ دەردىدىن ئاراڭلاردىكى ئەڭ مۇلايىم ۋە دىيانەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئەرلەرمۇ بالىلىرىنى ئۆزى يالغۇز يەيدۇ. قېرىنداشلىرىغا، ھەتتا سۆيۈملۈك ئايالى ياكى باشقا پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بېرىشنىمۇ خالىمايدۇ.

56-57 دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان شەھەرلەردە ئاچلىقنىڭ دەردىدىن ئاراڭلاردىكى ئەڭ مۇلايىم، ئەڭ نازۇك ھېسابلىنىدىغان، ھەتتا يەرگە ئاۋايلاپ دەسسەيدىغان ئاياللارمۇ ئۆزى تۇغقان بوۋاقلىرى ۋە ھەمراھىنى سۆيۈملۈك ئېرى ۋە بالىلىرىغا بۆلۈپ بەرمەي، ئۆزى يالغۇز يەيدۇ.

58 مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ھەممە قانۇنغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك نامىغا ھۆرمەت قىلىڭلار،

59 بولمىسا ئۇ سىلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر ئاپەتلەر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار قىلىدۇ.

60 مىسىرلىقلار مۇپتىلا بولغان قورقۇنچلۇق كېسەللەرگە سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلىپ، مەڭگۈ ساقايتمايدۇ.

61 تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، سىلەرنى بۇ قانۇندا خاتىرىلەنمىگەن باشقا ھەرخىل كېسەللەر ۋە ئاپەتلەرگىمۇ دۇچار قىلىدۇ.

62 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، سانىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ناھايىتى ئاز قالىسىلەر.

63 سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەنلىكىدىن خۇشاللانغان پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سىلەرنى ھالاك قىلىپ، يوقاتقانلىقىدىن ئوخشاشلا خۇشاللىنىدۇ. سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنىڭلاردىن تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قومۇرۇپ تاشلىنىسىلەر.

64 پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.

65 سىلەرگە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا يا خاتىرجەملىك، يا پۇت تىققۇدەك يەر بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى غەم-قايغۇ، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۈسلۈككە پاتۇرىدۇ.

66 تەشۋىشتە قالىسىلەر، كېچە-كۈندۈز ۋەھىمە ئىچىدە ياشايسىلەر، ھايات-ماماتىڭلارنى بىلىشىڭلار قىيىن بولىدۇ.

67 دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆرۈپ، قەلبىڭلار قورقۇنچقا تولىدۇ، كۈندۈزى كېچىنىڭ كېلىشىنى، كېچىدە تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتىسىلەر.

68 پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا ھەرگىز قايتىپ كەتمەيسىلەر» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سىلەرنى كېمە بىلەن مىسىرغا قايتۇرىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئۆزۈڭلارنى دۈشمىنىڭلارغا قۇللۇققا ساتماقچى بولساڭلارمۇ، لېكىن ھېچكىم سىلەرنى ئالمايدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan