قانۇننىڭ تەكرارى 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھوسۇللىرىدىن بېرىدىغان ھەدىيەلەر 1 _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بولغاندىن كېيىن، 2 تۇنجى ئالغان ھەر خىل ھوسۇلۇڭلاردىن سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا: «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار 3 ۋە شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى روھانىيغا: «بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا شۇنى ئېيتىمىزكى، پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىمىزغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ بولدۇق» دەڭلار. 4 باش روھانىي قولۇڭلاردىكى سېۋەتنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسۇن. 5 سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى. 6 مىسىرلىقلار بىزگە زۇلۇم سېلىپ، خارلىدى، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالدى. 7 شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا يالۋۇردۇق. ئۇ بىزنىڭ نالە-پەريادلىرىمىزنى ئاڭلىدى. قىيىنچىلىقىمىزنى، جاپالىرىمىزنى، ئېزىلگەنلىكىمىزنى كۆردى. 8 ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى ۋە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ، بىزنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 9 ئۇ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلدى. 10 ئى پەرۋەردىگار، بىز ھازىر سەن بىزگە بەرگەن زېمىنىمىزدىن چىققان تۇنجى ھوسۇلىمىزنى ساڭا ھەدىيە قىلىمىز.» سىلەر بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، سېۋىتىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا قويۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. 11 ئاندىن لاۋىيلار ۋە سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان گۈزەل مەئىشەتلەردىن خۇشاللىنىپ شادلىنىڭلار. 12 ھەر ئۈچىنچى يىلى ئوندىن بىر ئۈلۈشۈڭلارنى بېرىدىغان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، لاۋىيلارغا، يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە ۋە تۇل ئاياللارغا بېرىڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا تويغۇچە يېسۇن. 13 ئۇنىڭدىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: «بىز سېنىڭ ئەمرلىرىڭ بويىچە ساڭا ئاتىغان ئۈلۈشىمىزنى ئائىلىمىزدىن ئېلىپ كېلىپ، لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللارغا تەقسىملەپ بەردۇق. بىز سېنىڭ ھەرقانداق ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ۋە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلمىدۇق. 14 بىز بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى ھازىدار ۋاقتىمىزدا يەپ باقمىدۇق، ناپاك ۋاقتىمىزدا تۇتۇپ باقمىدۇق، ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ باقمىدۇق. بىز ساڭا ئىتائەت قىلدۇق. سېنىڭ ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىڭگە ئەمەل قىلدۇق. 15 ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىڭدىن بىزگە نەزەر سېلىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ۋە سەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا، يەنى سەن ئەجدادلىرىمىزغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىنغا بەخت ئاتا قىلغايسەن.» پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس خەلقى 16 _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۈگۈن سىلەرگە: «بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. شۇڭا سىلەر چوقۇم پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن تولۇق ئەمەل قىلىڭلار. 17 سىلەر بۈگۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمان ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ گۇۋاھلىق بەردىڭلار. 18 پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى «مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم» دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى. 19 ئۇ سىلەرنى مەدھىيە، شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، ئۆزى ياراتقان بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti