قانۇننىڭ تەكرارى 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 _ ئەگەر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سوتقا ئەرز قىلسا، سوتچى ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، بىگۇناھ ئادەمنى ئاقلىسۇن، گۇناھكارنى جازالىسۇن. 2 ئەگەر گۇناھكارغا قامچىلاش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، سوتچى نەق مەيداندا گۇناھكارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، گۇناھىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلسۇن. 3 ئەڭ كۆپ بولغاندا، قىرىق قامچا ئۇرۇلسۇن. ئەگەر قىرىق قامچىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆزۈڭلارنىڭ قېرىندىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت قىلغان بولىسىلەر. 4 خامان تېپىۋاتقان ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغماڭلار. 5 بىر ھويلىدا بىرگە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بىرى ۋاپات بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى سىرتقا ياتلىق بولمىسۇن. قېرىنداشلىرى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالسۇن. 6 ئۆلگۈچىنىڭ نامى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن يوقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغۇل ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھېسابلانسۇن. 7 ئەگەر بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ تۇل قالغان ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «يولدىشىمنىڭ قېرىندىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مېنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نام قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى» دېسۇن. 8 ئاقساقاللار ئۆلگۈچىنىڭ قېرىندىشىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسۇن. ئەگەر ئۇ يەنىلا ئۇنىمىسا، 9 تۇل ئايال ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سالدۇرۇۋالسۇن ۋە يۈزىگە تۈكۈرۈپ: «ئۆز قېرىندىشىنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشى مۇشۇنداق ھاقارەتكە قالىدۇ» دەپ جاكارلىسۇن. 10 شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسرائىللار ئارىسىدا «ئايىغى سالدۇرۇلغاننىڭ ئائىلىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 11 ئەگەر ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرسىنىڭ ئايالى ئېرىگە ياردەملىشىپ، يەنە بىر ئادەمنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇۋالسا، 12 ئۇ ئايالنىڭ قولى كېسىلسۇن. ئۇنىڭغا رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ. 13 تىجارەت قىلغاندا، تېشى چوڭ، كىچىك بولغان ئىككى خىل تارازا ئىشلەتمەڭلار. 14 ئۆيۈڭلاردىمۇ ئۆلچىمى خاتا كەمچەن ئىشلەتمەڭلار. 15 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن، توغرا ۋە دەل تارازا ۋە ئۆلچىگۈچ ئىشلىتىڭلار. 16 چۈنكى مۇنداق ئىشلاردا ئالدامچىلىق قىلىدىغانلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يىرگىنىدۇ. ئامالەكلەرنى يوقىتىش توغرىسىدىكى ئەمر 17 _ سىلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئامالەكلەرنىڭ سەپىرىڭلاردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار. 18 ئۇلار سىلەرنىڭ ھېرىپ، ھالىڭلاردىن كەتكەن ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارغا ھۇجۇم قىلدى، خۇدادىن قورقمىدى. 19 شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنغا سىلەرنى ئۆزى باشلاپ كىرىپ، چېگرايىڭلارنى ئامان قىلغاندىن كېيىن، ئامالەك خەلقىنى يوقىتىڭلار. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىڭلار. بۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti