Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


جامائەتكە كىرگۈزۈلمەيدىغان خەلقلەر توغرىسىدا

1 _ ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن ياكى ئاختا قىلىنغان ئەرلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.

2 نىكاھسىز تۇغۇلغانلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.

3 ئاممونلار ۋە موئابلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.

4 چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى.

5 لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى.

6 ھايات بولساڭلارلا ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئامانلىق ۋە ياخشىلىق ئىستىمەڭلار.

7 ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان.

8 بۇ ئىككى ئەلنىڭ بالىلىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئۈچىنچى ئەۋلادى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.


بارگاھنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش توغرىسىدا

9 _ سىلەر لەشكەر باشلاپ، ئۇرۇشقا چىققان ۋاقتىڭلاردا، ھەرقانداق ناپاك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.

10 ئەگەر بىرسى كەچتە ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ بۇلغانسا، ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا كېتىپ تۇرسۇن.

11 ئەتىسى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى بويىنى سۇغا سېلىپ، كۈن پاتقاندا بارگاھقا قايتسۇن.

12 بارگاھنىڭ سىرتىغا تەرەت قىلىش ئۈچۈن مۇقىم بىر يەرنى بېكىتىڭلار.

13 ھەممە ئادەمنىڭ جابدۇقلىرىنىڭ ئىچىدە بىردىن ئوتىغۇچ بولسۇن. چوڭ تەرەت قىلغاندا يەرنى كولاپ، تەرىتىنى كۆمۈۋەتسۇن.

14 چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارگاھىڭلاردا سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئۇ سىلەرنى قوغداپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بارگاھىڭلار پاك بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغان پەسكەش ئىشلارنى قىلماڭلار.


باشقا ئىشلار توغرىسىدا

15 _ ئەگەر بىرەر قۇل باشقا ئەلدىن قېچىپ كېلىپ، سىلەردىن پاناھلىق تىلىسە، قېچىپ كەلگەن قۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەڭلار.

16 ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ تاللىغان شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ناھەقچىلىك قىلماڭلار.

17 ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن.

18 پاھىشە ۋە بەچچىۋازلارنىڭ تاپقان كىرىمىنى ھەدىيە قىلىشقا قەسەم قىلغان نەرسە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەت جايىغا ئېلىپ كەلمەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلاردىن يىرگىنىدۇ.

19 سىلەر قېرىندىشىڭلارغا قەرز بەرگەن پۇل، ئاشلىق ياكى باشقا ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئۆسۈم ئالماڭلار.

20 سىلەر يات ئەللەردىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردىن ھەرگىز ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ.

21 ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر.

22 ئەگەر قەسەم قىلمىغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر.

23 لېكىن ئۆزۈڭلار خالاپ قەسەم قىلغان بولساڭلار جەزمەن قەسەمگە ۋاپا قىلىڭلار.

24 ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا كىرسەڭلار، ئۈزۈملەردىن خالىغانچە يېسەڭلار بولىدۇ. لېكىن ئۈزۈملەرنى سېۋىتىڭلارغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭلار.

25 ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ بۇغدايلىقىغا كىرسەڭلار، ئۇلاردىن ئۈزۈپ، يېسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئورغاق بىلەن ئورۇۋالساڭلار بولمايدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan