Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ كالا، قويلىرىنىڭ ئېزىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، كۆرمەسكە سالماي، ئۇلارنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار.

2 ئەگەر ئىگىسىنىڭ ئۆيى يىراق بولسا، ياكى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەڭلار، ئۇلارنى ئۆيۈڭلارغا ئەكېتىپ، ئىگىسى ئىزدەپ كەلگەندە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار.

3 ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار يوقىتىپ قويغان ئېشەك، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا نەرسىلەرنى تېپىۋالساڭلار، يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلىڭلار، كۆرمەسكە سالماڭلار.

4 ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ ئېشىكى ياكى ئۆكۈزىنىڭ يولدا يىقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، كۆرمەسكە سالماي، قېرىندىشىڭلارغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنى يۆلىشىپ بېرىڭلار.

5 ئاياللار ئەرلەرنىڭ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇنداق ئىشتىن يىرگىنىدۇ.

6 ئەگەر يول بويىدا، دەرەخ ئۈستىدە ياكى يەردە ئۇۋىسىدا تۇخۇم ياكى باچكىسىنى بېسىپ ياتقان قۇشنى كۆرسەڭلار، قۇشنى باچكىلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتمەڭلار.

7 ناۋادا ئېلىپ كەتسەڭلار، باچكىسىنى ئېلىپ قېلىپ، قۇشنى قويۇۋېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.

8 يېڭى ئۆي سالغان ۋاقتىڭلاردا ئۆگزىنىڭ تۆت ئەتراپىغا قىر چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، بولمىسا، قان قەرزگە قالىسىلەر.

9 ئۈزۈمزارلىقىڭلارغا ئۈزۈمدىن باشقا زىرائەتلەرنى تېرىماڭلار. بولمىسا ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاشقا توغرا كېلىپ، يېيىش مەنئى قىلىنىدۇ.

10 ئۆكۈز بىلەن ئېشەكنى بىرلىكتە ساپانغا قېتىپ يەر ھەيدىمەڭلار.

11 قوي يۇڭى ۋە كەندىر تالاسى ئارىلاشتۇرۇلۇپ توقۇلغان كىيىملەرنى كىيمەڭلار.

12 كىيىۋالغان تونۇڭلارنىڭ ئېتىكىگە تۆت دانە چۇچا ئېسىۋېلىڭلار.


ئىپپەت توغرىسىدا

13 ئەگەر بىرسى ئۆيلىنىپ، توي كېچىسىدىن كېيىن قىزنى ياقتۇرماي،

14 ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىپ: «مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا، ئۇ قىز چىقمىدى» دەپ ئۇنىڭ نامىنى بۇلغىسا،

15 قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىسۇن.

16 قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا: «مەن قىزىمنى بۇ ئادەمگە ياتلىق قىلغانىدىم. ھازىر بۇ ئادەم قىزىمنى ياقتۇرماي،

17 ‹مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا ئۇ قىز چىقمىدى› دەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بىزدە قىزىمنىڭ پاكلىقىنىڭ ئىسپاتى بار» دەپ، قىزى توي كېچىسى ئىشلەتكەن كىرلىكنى ئاقساقاللارغا كۆرسەتسۇن.

18 ئاقساقاللار ئۇ ئادەمنى تۇتۇپ كېلىپ، جازالىسۇن.

19 ئۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتىسىغا تۆلەم ھېسابىدا بىر كىلو كۈمۈش بەرسۇن. چۈنكى، ئۇ بىر پاك ئىسرائىل قىزغا تۆھمەت قىلدى. ئۇ قىز يەنىلا ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئۆمۈر بويى ئۇنى قويۇۋېتىشىگە ھەققى بولمايدۇ.

20 لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئەيىبلەشلىرى راست بولۇپ، ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا،

21 ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

22 ئەگەر بىرسى ئېرى بار ئايال بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، بۇزۇقچىلىق قىلغان ئەر بىلەن ئايالنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

23 ئەگەر بىرسى شەھەردە توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا،

24 ھەر ئىككىلىسىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكېلىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇ قىز شەھەردە بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ خالىمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ياردەم سوراپ ۋارقىرىمىغان. ئەرنىمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

25 ئەگەر بىرسى دالادا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.

26 لېكىن قىزنى ئۆلتۈرمەڭلار، چۈنكى ئۇ گۇناھسىزدۇر. بۇنداق ۋەقە بىر گۇناھسىز كىشىنىڭ يەنە بىر كىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگىنىگە ئوخشاش ۋەقەدۇر.

27 ئۇ قىز دالادا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ۋارقىرىسىمۇ قۇتقۇزىدىغان ئادەم يوقتۇر.

28 ئەگەر بىر ئادەم توي قىلىشقا پۈتۈشمىگەن بىر قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندىن كېيىن بايقىلىپ قالسا،

29 بۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېرىم كىلو كۈمۈش تۆلەم تۆلەپ، قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇ ئادەم قىزنى مەڭگۈ قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندۇر.

30 ھېچكىم ئاتىسىنىڭ توقىلىنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، بۇ ئاتىسىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan