Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئېنىقلانمىغان قاتىللىق توغرىسىدا

1 _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ۋاقتىڭلاردا بىر ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۆلۈكىنىڭ دالاغا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىساڭلار، لېكىن كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ئېنىق بولمىسا،

2 شۇ يەردىكى ئاقساقال ۋە سوتچىلىرىڭلار بېرىپ، جەسەتنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەپ باقسۇن.

3 جەسەت بىلەن ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ھېسابلانغان شەھەردىكى ئاقساقاللار بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان ياش بىر ئىنەكنى

4 جىلغىدىكى سۇلار ئېقىپ تۇرغان بوز يەرگە ئەكېلىپ، بوينىنى سۇندۇرسۇن.

5 ئۇ يەردە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئالدىغىراق چىقسۇن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللانغاندۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت تىلەيدۇ، بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ۋە زوراۋان قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

6 ئاشۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى جىلغىدا بوينى سۇندۇرۇلغان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىدە قولىنى يۇيسۇن.

7 ئاندىن: «بىزنىڭ قولىمىز بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمىدى، كۆزىمىز كىمنىڭ بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدى.

8 ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ قۇتقۇزغان ئىسرائىل خەلقىدىن بۇ گۇناھنى ساقىت قىلغايسەن، گۇناھسىز بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» دەپ دۇئا قىلسۇن. شۇندىلا قاتىللىق قىلىش گۇناھى خەلقتىن ساقىت قىلىنىدۇ.

9 سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇ بويىچە ئىجرا قىلساڭلار، ئىسرائىل خەلقىگە ئارتىلغان بۇ قاتىللىق گۇناھىدىن ئاقلىنىسىلەر.


ئايال ئەسىرلەر توغرىسىدا

10 _ دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دۈشمىنىڭلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى سىلەرگە ئەسىر قىلىپ بەرسە،

11 بەزىلىرىڭلار ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدىكى چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە، ئۇلارنى ئەمرىڭلارغا ئالغۇڭلار كېلىشى مۇمكىن.

12 ئۇنداقتا ئۇ قىزنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كېتىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ئېلىپ،

13 ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بىر ئاي قارىلىق تۇتۇشقا يول قويۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمرىڭلارغا ئېلىڭلار.

14 ئەگەر كېيىن ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، ئەركىنلىككە چىقىرىڭلار. ئۇلارنى سېتىشقا، قۇل قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار مەجبۇرىي نىكاھىڭلارغا ئېلىنغاندۇر.


تۇنجى ئوغۇلنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى توغرىسىدا

15 _ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئايالى ئوغۇل تۇغقان بولسا، لېكىن ئۇ ئادەم بىر ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە بىر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسە، تۇنجى ئوغلى ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىنىڭ بالىسى بولسا،

16 ئۇ ئادەم مۈلۈك تەقسىملەيدىغان چاغدا تۇنجى ئوغلىنىڭ ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ بالىسىغا ئېلىپ بېرىشىگە بولمايدۇ.

17 ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن.


ئىتائەتسىز ئوغۇل توغرىسىدا

18 _ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئوغلى جاھىل، ئىتائەتسىز، ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان بولۇپ، تەربىيە قىلسىمۇ گەپ ئاڭلىمىسا،

19 ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە:

20 «بىزنىڭ بۇ ئوغلىمىز جاھىل ۋە ئىتائەتسىزدۇر، گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئۇ بىر بەتخەج ھەم شارابخوردۇر» دېسۇن.

21 ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ.


باشقا ئىشلار توغرىسىدا

22 _ ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جەسىتى دەرەخكە ئېسىپ قويۇلسا،

23 جەسەت دەرەختە كېچىچە تۇرۇپ قالمىسۇن. ئۇنى چوقۇم شۇ كۈنىلا دەپنە قىلىۋېتىڭلار. دەرەخكە ئېسىلغان ئادەم خۇدانىڭ قارغىشىغا قالغاندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇلغىماڭلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan