قانۇننىڭ تەكرارى 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىچۆلدىكى قىرىق يىللىق مۇساپىرلىق 1 _ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقىنىدەك، بىز ئارقىمىزغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە كەتتۇق. سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ، نۇرغۇن كۈنلەر يۈردۇق. 2 كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 3 «سىلەر سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىلى تالاي ۋاقىتلار بولدى، ئەمدى شىمالغا بېرىڭلار. 4 سەن خەلققە مۇنداق بۇيرۇغىن: ‹سىلەر سەئىردە ياشايدىغان قېرىندىشىڭلار ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ. لېكىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭلار، 5 ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سەئىرلىكلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن بىر غېرىچنىمۇ سىلەرگە بەرمەيمەن. 6 يېمەك-ئىچمەكنى ئۇلاردىن سېتىۋېلىڭلار. 7 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›». 8 شۇنىڭ بىلەن بىز قېرىندىشىمىز ئەساۋنىڭ زېمىنى بولغان سەئىردىن ئۆتۈپ كەتتۇق. ئېلات ۋە ئەزيون-گەبەر شەھەرلىرىدىن كېلىدىغان ئاراباھ يولى بىلەن موئاب چۆللۈكىگە باردۇق. 9 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «موئابلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ زېمىنى بولغان ئارنى سىلەرگە بەرمەيمەن. مەن ئۇ زېمىننى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.» 10 (بۇرۇن ئېيملار ئۇ يەردە ياشايتتى. ئۇلار كۈچلۈك خەلق بولۇپ، سانى كۆپ ئىدى، ئادەملىرى ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدەك بويلىرى ئېگىز ئىدى. 11 ئۇلار ئادەتتە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش رافاھلار دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن موئابلار ئۇلارنى ئېيملار دەپ ئاتايتتى. 12 بۇرۇن سەئىردە خور خەلقى ياشايتتى، لېكىن ئەساۋ خەلقى ئۇلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردە ياشاپ قالدى. بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندىكى باشقا ئەللەرنى يوقىتىۋېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ قالغىنىغا ئوخشايتتى.) 13 پەرۋەردىگار يەنە: «ئەمدى ئاتلىنىڭلار، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زەرەد دەرياسىدىن ئۆتتۇق. 14 بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى. 15 پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىكى بۇ جەڭچىلەر تامامەن يوقىتىلغانىدى. 16 جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، 17 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 18 «بۈگۈن موئابنىڭ چېگراسىدىن ئار شەھىرى ئارقىلىق ئۆتۈڭلار. 19 ئاممون خەلقىنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەرمەيمەن، مەن ئۇ يەرنى لوتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.» 20 (ئۇ يەر بۇرۇن رافاھلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى. ئاممون خەلقى ئۇلارنى زامزۇملار دەپ ئاتايتتى. 21 رافاھلار كۈچلۈك خەلق بولۇپ، سانى كۆپ ئىدى، ئادەملىرى ئاناقلاردەك ئېگىز ئىدى. پەرۋەردىگار رافاھ خەلقىنى ئاممون خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، ئاممون خەلقىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە قىلدى. ئۇلار شۇ يەردە ياشاپ قالدى. 22 خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار سەئىردە ياشايدىغان خور خەلقىنى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، بۇ زېمىنىغا ئۇلارنى ئىگە قىلدى. ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە ياشىماقتا. 23 كرىت خەلقىمۇ گازانىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئاۋۋىم خەلقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى.) 24 پەرۋەردىگار داۋام قىلىپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئاتلىنىپ، ئارنون جىلغىسىدىن ئۆتۈڭلار! مەن ئامور خەلقىنىڭ خەشبوندا ياشايدىغان پادىشاھى سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، زېمىنىنى ئىگىلەڭلار. 25 بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.» ئىسرائىللارنىڭ خەشبون پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىشى 26 _ شۇنىڭ بىلەن مەنكى مۇسا قىدېموت چۆلىدىن خەشبون پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق تىنچلىق تەكلىپى سۇندۇم: 27 «بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويسىڭىز. زېمىنىڭىزدىن ئۆتكۈچە چوڭ يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز. 28 يېمەك-ئىچمەكلەرنى سىلەردىن سېتىۋالىمىز. بىزنى ئۆتكىلى قويۇشىڭىزنى، 29 بىزگە سەئىردە ياشايدىغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئاردا ياشايدىغان موئاب خەلقىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. بىز پەقەت ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىنغا بارماقچىمىز.» 30 لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى. 31 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلىغىن.» 32 سىخون پۈتۈن لەشكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، ياھازدا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. 33 لېكىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قىردۇق. 34 ئۇ ۋاقىتتا بىز سىخوننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، شەھەرلەردىكى ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردۇق، بىرىمۇ تىرىك قالمىدى. 35 لېكىن چارۋا ماللار ۋە شەھەرلىرىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلدۇق. 36 ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرى ۋە جىلغىنىڭ ئىچىدىكى شەھەردىن تارتىپ تاكى گىلئادقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە تاقابىل تۇرالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى. 37 لېكىن بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇلارنىڭ ياببوق دەرياسىنىڭ بويىدىكى ۋە تاغلىق رايونلىرىدىكى شەھەرلىرىگە تەگمىدۇق. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti