Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغان قوي، كالىلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار پەرۋەردىگارنى يىرگەندۈرىدۇ.

2 ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەر ئەر ياكى ئايال پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلسا،

3 ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا،

4 سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن، چوقۇم تەپسىلىي تەكشۈرۈڭلار. ئەگەر ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا ھەقىقەتەن بىرسى مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان بولسا،

5 ئۇنى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.

6 لېكىن سىلەر بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئاندىن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ.

7 گۇۋاھچىلار ئالدى بىلەن تاش ئاتسۇن، ئاندىن باشقىلار ئاتسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


مۇرەككەپ دەۋالارغا ھۆكۈم

8 _ ئەگەر ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋە ھەق تەلەپ دەۋاسى قاتارلىق مۇرەككەپ ۋە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولغان دەۋالار بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بېرىدىغان ئورۇنغا بېرىڭلار.

9 لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا ۋە نۆۋەتچى سوتچىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇلار ھۆكۈم چىقارسۇن.

10 پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۇلار چىقارغان ھۆكۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلىڭلار.

11 ئۇلارنىڭ بۇيرۇغان سۆزلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەمرلىرىگە قەتئىي خىلاپلىق قىلماڭلار.

12 ئەگەر بىر ئادەم تەكەببۇرلىشىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىي ۋە سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

13 پۈتۈن خەلق بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ، قايتا كىبىرلىك قىلىشتىن قورقىدۇ.


پادىشاھ ھەققىدىكى كۆرسەتمىلەر

14 _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، خۇددى ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەرگە ئوخشاش ئۆزىمىزگە پادىشاھ تىكلەيلى دەيسىلەر.

15 سىلەر تىكلەيدىغان پادىشاھ چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ئىسرائىللاردىن بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولمىسۇن.

16 پادىشاھىڭلارنىڭ جەڭ ئاتلىرى كۆپ بولمىسۇن، مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ ئات سېتىۋالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مىسىرغا قايتا بارماسلىقىڭلارنى بۇيرۇغان.

17 پادىشاھنىڭ ئاياللىرى كۆپ بولمىسۇن، بولمىسا پەرۋەردىگارغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلاپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆزى ئۈچۈن كۆپلەپ ئالتۇن-كۈمۈش توپلىمىسۇن.

18 ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلاردا ساقلىنىۋاتقان بۇ قانۇندىن ئۆزى ئۈچۈن بىر نۇسخا كۆچۈرتسۇن.

19 پادىشاھ بۇ قانۇننى ئۆمۈرۋايەت يېنىدىن ئايرىماي ئوقۇسۇن ۋە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن. بۇ قانۇندىكى بارلىق سۆزلەر ۋە ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسۇن.

20 شۇندىلا ئۇ خەلقىگە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلىيەگە ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan