قانۇننىڭ تەكرارى 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخەلقنى بۇتپەرەسلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇش 1 _ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بىرى ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچى ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ، سىلەرگە كارامەت ۋە مۆجىزە كۆرسىتىمەن دېسە 2 ۋە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشسا، كېيىن ئۇ «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دەپ، سىلەرنى ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا ئېزىقتۇرسا، 3 ئۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار! چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى سىنىغىنىدۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىدۇر. 4 پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىڭلار ۋە سادىق بولۇڭلار. 5 ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدۇرىدۇ. ئۇلار سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. 6 ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە، 7 ئۇلار قىزىقتۇرغان ئۇ ئىلاھلار مەيلى يېقىن ئەتراپتىكى ياكى يىراق جايدىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، 8 ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار ۋە ئىشەنمەڭلار. ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئىچ ئاغرىتماڭلار ۋە ئۇلارنى قوغدىماڭلار. 9 ئۇلارنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار قول سېلىڭلار، ئاندىن جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈڭلار. 10 ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈشكە ئۈندىدى. 11 ئۇلارنى ئۆلتۈرسەڭلار، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاڭلاپ قورقىدۇ. ئاراڭلاردىن ھېچكىم يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. 12-13 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە رەزىل كىشىلەر پۈتۈن جامائەتكە «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دەپ، ئۇلارنى سىلەر نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا قىزىقتۇرغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار، 14 ھەقىقىي ئەھۋالنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىش يۈز بەرگەن بولسا، 15 ئاشۇ شەھەردىكى ئاھالىلەرنى ۋە چارۋا ماللارنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. 16 شەھەردىكى مال-مۈلۈكلەرنى شەھەر ئوتتۇرىسىغا توپلاپ، ئۇلارنى ۋە پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. شەھەر مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلسۇن، قايتا بىنا قىلىنمىسۇن. 17 يوقىتىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر نەرسىنى ساقلاپ قالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىدىن يېنىپ، سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ. 18 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti