Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

قانۇننىڭ تەكرارى 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بەلگىلەنگەن جايدىلا ئىبادەت قىلىش

1 _ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، تۆۋەندىكى قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار:

2 سىلەر ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ ئەللەرنىڭ تاغلاردىكى، تۆپىلىكلەردىكى ۋە بۈك-باراقسان دەرەخ ئاستىلىرىدىكى ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان بارلىق يەرلىرىنى ۋەيران قىلىڭلار.

3 ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلىرىنىڭ ئويما بۇتلىرىنى چېقىپ، نامىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىڭلار.

4 سىلەر ئۇلارنىڭ ئادىتى بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلساڭلار بولمايدۇ.

5 پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئىچىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ جايغىلا بېرىڭلار.

6 سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، شەخسىي ھەدىيەڭلارنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار.

7 سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر.

8-9 ھازىرغا قەدەر، سىلەر ئۆزۈڭلار بىلگەنچە ئىبادەت قىلىپ كەلدىڭلار، چۈنكى سىلەر تېخىچە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەردە خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالمىدىڭلار. ئۇ يەرگە كىرگىنىڭلاردا ھازىرقى ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلساڭلار بولمايدۇ.

10 لېكىن سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇراقلىشىسىلەر. پەرۋەردىگار چېگرايىڭلارنى ئامان قىلىپ، سىلەرنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.

11 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.

12 سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.

13 سىلەر خالىغان يەردە پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماڭلار.

14 پەرۋەردىگار قەبىلىلىرىڭلارنىڭ بىرسىنىڭ زېمىنىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ يەردىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى مېنىڭ بۇيرۇغىنىمدەك سۇنۇڭلار.

15 يۇرتۇڭلاردا خالىغان ۋاقىتتا مال سويۇپ يېسەڭلار بولىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە بەرگەن بۇ بەختتىن ھۇزۇرلىنىڭلار. بۇ ماللارنىڭ گۆشىنى پاكلارمۇ، ناپاكلارمۇ خۇددى سىلەر جەرەن ۋە بۇغا گۆشلىرىنى يېگىنىڭلاردەك، يېسە بولىدۇ.

16 لېكىن قاننى يېمەڭلار، قاننى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.

17 ئەمما ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىڭلارنى ۋە باشقا شەخسىي ھەدىيەلىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردا يېسەڭلار بولمايدۇ.

18 پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن جايدىلا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېسەڭلار بولىدۇ. ئۇ يەردە قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار.

19 ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مۇشۇ زېمىندا ياشىساڭلارلا لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

20 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى بويىچە زېمىنىڭلارنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، گۆش يېگۈڭلار كەلسە، خالىغىنىڭلارچە يېسەڭلار بولىدۇ.

21 ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىدىغان جاي سىلەردىن بەك يىراقتا بولسا، ئۆزۈڭلارنىڭ يۇرتلىرىدا مېنىڭ بۇيرۇغىنىم بويىچە پەرۋەردىگار سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا مېلىڭلارنى خالىغىنىڭلارچە سويۇپ يېسەڭلار بولىدۇ.

22 خۇددى ھازىر پاكلارمۇ، ناپاكلارمۇ جەرەن ۋە بۇغىنىڭ گۆشىنى يېگىنىگە ئوخشاش، ئۇ گۆشلەرنىمۇ يېسە بولىدۇ.

23 لېكىن قاننى يېمەڭلار. چۈنكى ھاياتلىق قاندىدۇر. ھاياتلىقنى گۆش بىلەن بىرگە يېسەڭلار بولمايدۇ.

24 قاننى يېمەڭلار، ئۇنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.

25 قاننى يېمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

26 پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيەلەر ۋە بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن جايغا ئاپىرىڭلار.

27 ئۇلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. ھەتتا گۆش ۋە قانلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈڭلار، لېكىن قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلار بولىدۇ.

28 مېنىڭ دېگەنلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدىڭلار.

29 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان يات خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىڭلار.

30 ئۇ چاغدا ئېھتىياتچان بولۇڭلار! يات ئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالدىنىپ، تۇزاققا چۈشمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ھەققىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ: «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىغا قانداق چوقۇنىدىغاندۇ؟ مەنمۇ دوراپ باقسام» دېمەڭلار.

31 پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئىبادەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار چوقۇنغاندا پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ھەر خىل يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئىلاھلىرىغا سۇنىدۇ.

32 مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan