قانۇننىڭ تەكرارى 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىبەختىيارلىق _ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر 1 _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىڭلار. 2 بۈگۈن شۇ نەرسە ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيەسىنى ئالغانلار پەرزەنتىڭلار ئەمەس، بەلكى سىلەردۇرسىلەر. پەرزەنتىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولىنى، 3 مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقىگە قارشى قانداق ئاجايىپ مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، 4 مىسىر قوشۇنلىرىغا، ئاتلىرىغا ۋە جەڭ ھارۋىلىرىغا قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى، ئۇلار سىلەرنى قوغلاپ كەلگەندە ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغا قانداق غەرق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن. 5 سىلەر چۆللۈكتىن تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارنىڭ ھالىڭلاردىن قانداق خەۋەر ئالغانلىقىنى ئۇلار بىلمەيدۇ. 6 رۇبېننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى قانداق جازالىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يەر يېرىلىپ، داتان، ئابىرام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، چېدىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى قانداق يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار كۆرمىگەن. 7 لېكىن سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۆرۈپ كەلدىڭلار. 8 شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى كۈچلۈك قىلىدۇ. سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىشمەكچى بولغان زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. 9 پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئۇزاق ياشايسىلەر. 10 سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىن سىلەر ياشىغان مىسىرغا ئوخشىمايدۇ. مىسىردا سىلەر ئۆزۈڭلار ئۇرۇق چېچىپ، ئۆزۈڭلار سۇغىراتتىڭلار. 11 لېكىن سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىندىكى تاغلار ۋە جىلغىلار يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. 12 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆڭۈل بۆلگەن ئۇ زېمىن يىل بېشىدىن تاكى يىل ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدىدۇر. 13 ئەگەر بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە چىن قەلبىڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساڭلار، 14 ئۇ زېمىنىڭلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا كۈز يامغۇرى، باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىغا ئىگە قىلىدۇ. 15 چارۋا ماللىرىڭلارنى ئېتىزىڭلاردا ئوت-چۆپلەرگە ئىگە قىلىدۇ. سىلەر يەيسىلەر، توق ياشايسىلەر. 16 ئازدۇرۇلۇپ، خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار، 17 بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىدۇ. ئۇ ئاسماننى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، يېرىڭلارنى ھوسۇلسىز قالدۇرىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشۇ گۈزەل زېمىندا ھالاك بولىسىلەر. 18 سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. بۇلارنى تۈگۈنچەككە تۆگۈپ، نىشانە سۈپىتىدە قولۇڭلارغا باغلىۋېلىڭلار، پېشانەڭلارغا ئېسىۋېلىڭلار، 19 پەرزەنتلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن داۋاملىق ئۇلارغا سۆزلەڭلار. 20 ئىشىكىڭلارنىڭ كېشەكلىرىگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا يېزىپ قويۇڭلار. 21 شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ۋە پەرزەنتلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىلەر. ئاسمان زېمىن ئۈستىدە قانچىلىك ئۇزۇن مەۋجۇت بولسا، سىلەرمۇ ئۇ زېمىندا شۇنچىلىك ئۇزۇن ياشايسىلەر. 22 مەن يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، سادىق بولساڭلار، 23 ئۇ بارلىق ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر. 24 سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ. 25 ھېچكىم سىلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دېگىنىنى قىلىدۇ، سىلەر ئاياغ باسقان يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. 26 قاراڭلار، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت ۋە قارغىشتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى قويدۇم، ئۆزۈڭلار تاللاپ ئېلىڭلار. 27 ئەگەر سىلەر مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر. 28 ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئەكسىچە يولدىن چەتنەپ، ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان بولساڭلار، قارغىشقا ئۇچرايسىلەر. 29 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئاشۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن باشلاپ كىرگەندە، گىرىزىم تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ بەختكە ئېرىشتۇرىدىغانلىقىنى، ئېبال تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ قارغىشقا قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاڭلار. 30 بۇ ئىككى تاغ ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە، يەنى كۈن پېتىش تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى كەنئانلىقلارنىڭ يېرىدىكى گىلگالنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ. مورەھ دېگەن جايدىكى چوڭ دەرەخلەر بۇ ئىككى تاغقا يېقىندۇر. 31 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىننى ئىگىلەڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، 32 مەن بۈگۈن سىلەرگە جاكارلىغان بارلىق قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti