قانۇننىڭ تەكرارى 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىكىرىش سۆز 1 تۆۋەندىكىلەر مۇسانىڭ پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەينى چاغدا ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چۆلدە بولۇپ، بۇ يەر سۇفنىڭ قارشىسىدىكى پاران، توفەل، لابان، خازېروت ۋە دىزاھاب شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. 2 سىناي تېغىدىن كادېش-بارنېياغا بېرىش ئۈچۈن سەئىر تاغلىرىدىكى يول بىلەن ماڭسا، 11 كۈن كېتەتتى. 3 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 40-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن بارلىق ئەمرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 4 بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى. سىناي تېغىدىن كېتىش 5 مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى موئابلارنىڭ زېمىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى ئىسرائىللارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: 6 _ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىناي تېغىدا بىزگە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالدىڭلار. 7 ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار. 8 ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.» مۇسانىڭ باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىشى 9 _ ئەينى چاغدا مەن مۇسا خەلققە: «مەن سىلەرنى باشقۇرۇشتەك بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمايمەن. 10 چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى كۆپەيتتى، سىلەر بۈگۈن خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىپ كەتتىڭلار. 11 ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەرنى يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. 12 لېكىن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مەسىلىلەرنى، تالاش-تارتىشلارنى ۋە سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى قانداقسىگە ئۆزۈم يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟! 13 ھەرقايسى قەبىلىلەردىن ئەقىللىق، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى سىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دېدىم. 14 خەلق: «دېگەنلىرىڭ توغرا» دەپ مېنى قوللىدى. 15 شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم. 16 مەن ئۇلاردىن سىرت يەنە سوتچىلارنى تەيىنلەپ، ئۇلارنى ئەرزلەرنى ئاڭلاشقا، مەيلى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن يات خەلقلەر ئارىسىدىكى ئەرزلەر بولسۇن، ھەممىسىنى ئادىل سوتلاشقا، 17 يان باسماسلىققا، نامرات ۋە باينىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاش قۇلاق سېلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن: «سىلەر باشقۇرغۇچىلار ھەرقانداق كىشىدىن قورقماڭلار، چۈنكى ھۆكۈم خۇدانىڭدۇر. ئۆزۈڭلار يېشەلمىگەن دەۋالارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، مەن ھەل قىلاي» دېدىم. 18 ئەينى چاغدا مەن خەلققە قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشلارنى ئېيتتىم. ئون ئىككى چارلىغۇچىنىڭ ئەۋەتىلىشى 19 _ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق. 20 مەن خەلققە: «مانا ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. 21 قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى، سىلەر ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ يەرنى ئىگىلەڭلار، قورقماڭلار، بوشىشىپ قالماڭلار!» دېدىم. 22 لېكىن خەلق قېشىمغا كېلىپ: «ئالدى بىلەن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتەيلى، ئۇلار چارلاپ كېلىپ، ماڭىدىغان يول ۋە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا تېگىشلىك شەھەرلەرنى بىزگە مەلۇم قىلسۇن» دېدى. 23 مەن ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 12 ئادەمنى، يەنى ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم تاللىدىم. 24 ئۇلار تاغلىق رايونلارغا، ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى. 25 ئۇلار ئۇ يەرنىڭ مېۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىپ: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن» دەپ مەلۇم قىلدى. خەلقنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشى 26 _ لېكىن خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ، ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىدى. 27 ئۇلار چېدىرلىرىدا پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغاچقا، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئامور خەلقىنىڭ قولى بىلەن بىزنى يوقاتماقچى بولغان ئوخشايدۇ. 28 ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ ئۇ يەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىزمىش. شەھەرلىرى ھەيۋەتلىك، سېپىللىرى ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىكەن، شۇڭا بىز قورقۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئېغىزلىرىمىزغا تىقىلىپ قالدى» دېيىشتى. 29 مەن ئۇلارغا: «ھودۇقماڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار. 30 مىسىردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇ يەردىمۇ سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. 31 چۆلدىكى پۈتۈن سەپەر جەريانىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە خۇددى ئاتىنىڭ ئۆز بالىسىغا مېھرىبانلىق قىلغىنىدەك، مېھرىبانلىق قىلىپ، بۇ يەرگىچە باشلاپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇڭلار» دېدىم. 32-33 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چېدىر تىكىدىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. كېچىدە ئوت، كۈندۈزى بۇلۇت بولۇپ، يول باشلىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق خەلق يەنىلا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشەنمىدى. 34 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى. ئۇ قەسەم قىلىپ: 35 «بۇ رەزىل ئەۋلادتىن ھېچكىمنى مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان بۇ گۈزەل زېمىننى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلمايمەن. 36 پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىمەن. ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەممە يەرلەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشتى» دېدى. 37 خەلق تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ماڭا غەزەپلىنىپ: «سەنمۇ ئۇ يەرگە بارالمايسەن، 38 لېكىن سېنىڭ ياردەمچىڭ بولغان نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بارالايدۇ. سەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئاشۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ» دېدى. 39 ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ. 40 سىلەر ئەمدى ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار.» 41 خەلق ماڭا: «بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق، ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇرۇش قىلىشقا رازىمىز» دېيىشتى. ئۇلار قوراللانساقلا، ئۇ تاغلىق رايوننى ئاسانلا ئالالايمىز، دەپ ئويلىدى. 42 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوي، جەڭگە ئاتلانمىسۇن، بولمىسا ئۇلار دۈشمىنىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا يار ئەمەس» دېدى. 43 مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى خەلققە يەتكۈزدۈم، لېكىن ئۇلار كىبىرلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، تاغلىق رايونلارغا يۈرۈپ كەتتى. 44 تاغلاردا ياشايدىغان ئامورلار ئۇلارغا قارشى ھەرىدەك جەڭگە ئاتلاندى. ئامورلار ئۇلارنى سەئىر رايونىدىكى خورماھقىچە قوغلاپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 45 ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىغلىدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆز يېشىغا پەرۋا قىلمىدى. 46 شۇڭا بىز كادېش-بارنېيادا ناھايىتى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti