دانىيال 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدانىيالنىڭ دۇئاسى 1 مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى. 2 ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمنىڭ ۋەيرانچىلىقتا يەتمىش يىل تۇرۇشى ھەققىدە يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزىنى ئوقۇدۇم. 3 شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم. 4 دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا ئىقرار قىلدىم: «ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. 5 بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولدا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا بويسۇنمىدۇق. 6 خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدۇق. ئۇلار سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىزغا، يولباشچىلىرىمىزغا، ئەجدادلىرىمىزغا ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغانىدى. 7 ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن بىز بارلىق ئىسرائىللارنىڭ، يەنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلار ھەمدە سەن تەرەپتىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ يۈزى نومۇستىن قىزارماقتا. 8 ئى پەرۋەردىگار، بىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلماقتىمىز. 9 ئى ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل بولۇپ، بىزنى كەچۈردۈڭ. 10 ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق. 11 بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى. سۆزۈڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى. 12 سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى. 13 بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭنى تونۇمىدۇق ۋە سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق. 14 شۇڭا سەن بىزنى جازالىماقچى بولۇپ، بېشىمىزغا بۇ بالايىئاپەتنى كەلتۈردۈڭ. سەن ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭ، چۈنكى بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق. 15 ئى ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. شۇڭا سېنىڭ قۇدرىتىڭ بۈگۈنگە قەدەر تىلغا ئېلىنار. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق. 16 ئى ئىگەم، سەن بۇرۇن بىزگە رەھىمدىل بولغانىدىڭ، ھازىرمۇ رەھىمدىل بولۇپ، غەزەپ-نەپرىتىڭنى ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېمدىن، يەنى مۇقەددەس تېغىڭدىن نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئەتراپىمىزدىكى ئەللەر بىزنى، يەنى ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا. 17 ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن. 18 ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز. 19 ئى ئىگەم، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت ئۆتكىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭدۇر». جەبرائىلنىڭ بايانى 20 مەن دۇئالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇناھلىرىمنى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدىم. پەرۋەردىگارىم خۇدادىن ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغى يېرۇسالېم ئۈچۈن ئىلتىجا قىلدىم. 21 كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم، يەنى جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى. 22 ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: _ دانىيال، مەن ساڭا چۈشەنچە بەرگىلى كەلدىم. 23 سەن دۇئا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدىلا ساڭا جاۋاب بېرىلىپ بولۇنغانىدى. مەن شۇ جاۋابنى ساڭا يەتكۈزگىلى بۇ يەرگە كەلدىم، چۈنكى خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭلا، ۋەھىينىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسەن. 24 خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى. 25 شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ. 26 بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ. 27 ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىللىك كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti