دانىيال 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىدە دەرەخ كۆرۈشى 1 پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، مۇنداق دېدى: _ ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن! 2 مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ۋە بېشارەتلىرىنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىمەن. 3 نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى، نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى. 4 مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم. 5 بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. 6 مەن بابىلدىكى بارلىق سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم. 7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى. 8 ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن ئۇنىڭغا ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم: 9 «ئەي دانىشمەنلەرنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. 10 مەن چۈشۈمدە زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئېگىز بىر دەرەخنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 11 ئۇ دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقاشتى. بۇ دەرەخنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيتتى. 12 ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولاتتى. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايتتى. ئاسماندىكى قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىغا چاڭگا تىزاتتى. ھەر خىل جانىۋارلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىناتتى. 13 مەن تۆشىكىمدە يېتىپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈۋاتاتتىم. شۇ پەيتتە ئاسماندىن بىر كۆزەتكۈچى پەرىشتە چۈشتى. 14 ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: ‹بۇ دەرەخنى كېسىڭلار، شاخلىرىنى پۇتاڭلار، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، مېۋىلىرىنى قېقىۋېتىڭلار. ھايۋانلارنى سايىسىدىن ۋە قۇشلارنى شاخلىرىدىن قوغلىۋېتىڭلار. 15 ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار. ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك ئارىسىدا قالسۇن. 16 يەتتە مەزگىل ئىچىدە ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۇرى بولمايدۇ، بۇ پەقەت ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ. 17 بۇ ھۆكۈمنى مۇقەددەس كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر جاكارلىدى. ئىنسانلار بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ خالىسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ›. 18 بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈشتۇر. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقانداق دانىشمەن تەبىر بېرەلمىدى. ئەي بېلتىشاززار، سەن مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار». دانىيالنىڭ نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى 19 دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 20 چۈشلىرىدە كۆرگەن دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقىشىپتۇ. ئۇنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيدىكەن. 21 ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولالايدىكەن. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايدىكەن، ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئاسماندىكى قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ. 22 پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ. 23 پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن». 24 پادىشاھ ئالىيلىرى، تۆۋەندىكىلەر ئۇلۇغ خۇدا سىلىنىڭ باشلىرىغا كېلىشىنى بېكىتكەن ئىشلاردۇر. كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ تەبىرى مۇنداقتۇر: 25 «سىلى ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىدىلا ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايدىلا. سىلى كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيدىلا، شەبنەملەردە ھۆل بولىدىلا. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سىلى دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىلا. 26 پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 27 شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى، بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.» چۈشتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى 28 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. 29 12 ئايدىن كېيىن ئۇ بابىلدىكى ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، 30 مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!» 31 ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى! 32 سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.» 33 بۇ ئىش شۇئان پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلاندى، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يېدى. ئۇنىڭ تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى ئۆسۈپ قۇشلارنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈچە، بۇ ئەھۋال داۋاملاشتى. 34 بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر. 35 زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.» 36 كاللام سەگەكلەشكەندىن كېيىن، شان-شەرىپىم، پادىشاھلىقىم ئەسلىگە كەلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كېلىشتى. مەن قايتىدىن پادىشاھ بولۇپ، شۆھرىتىم بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشتى. 37 ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti