دانىيال 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشى 1 پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بىر چۈش كۆردى. چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. 2 شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئۆزىنىڭ چۈشىگە تەبىر بەردۈرۈش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن، 3 پادىشاھ ئۇلارغا: _ مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈم كەيپىياتىمنى بۇزدى، مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەكچىمەن، _ دېدى. 4 ئۇلار پادىشاھقا ئاررامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە بىز تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشى. 5 پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەڭلار، تېنىڭلار پارچىلىنىپ، ئۆيۈڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. 6 ئەگەر سىلەر كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار، مەندىن كاتتا ئىنئام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ چۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار. 7 ئۇلار پادىشاھقا يەنە جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشتى. 8 پادىشاھ: _ مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، سىلەر قارارىمنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتىسىلەر. 9 ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، قارارىمنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى دەپ بېرىڭلار. شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى. 10 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئادەم ئالىيلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھېچقانداق بىر ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پادىشاھ بۇنداق بىر تەلەپنى سېھىرگەر، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالاردىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان. 11 ئالىيلىرىنىڭ قويغان بۇ تەلىپى ئىنتايىن قىيىندۇر. بۇ تەلەپنى پەقەت ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمايدىغان ئىلاھلارلا ئورۇندىيالايدۇ، _ دېيىشتى. 12 بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇلارنى ۋە بابىلدىكى ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى. 13 بۇ ئەمر پۈتۈن خەلققە ئېلان قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى. دانىيال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىلدى. 14 ياساۋۇللار باشلىقى ئاريوك ئۇلارنى قەتل قىلىش ئۈچۈن كەلدى. دانىيال ئۇنىڭدىن زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن: 15 _ پادىشاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق يارلىقنى چۈشۈرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئاريوك بولغان ئەھۋالنى دانىيالغا سۆزلەپ بەردى. 16 شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىگە ۋاقىت بەرسە پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 17 ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. 18 ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا: _ بىز ئەرشتىكى خۇدادىن ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرنى يېشىشىمىزگە ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنەيلى، _ دېدى. 19 شۇ كېچىسى بۇ سىر دانىيالغا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، 20 مۇنداق دېدى: «مەدھىيەلەيمەن خۇدانىڭ نامىنى تائەبەد، مەڭگۈ ئۇنىڭغا ياردۇر ئەقىل ۋە قۇدرەت. 21 ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ. 22 ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا. 23 شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا، ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا. بىزگە بەردىڭ تىلىگىنىمىزنى، بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.» دانىيالنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى 24 دانىيال پادىشاھ تەرىپىدىن بابىلدىكى سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇلغان ئاريوكنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئۇلارنى قەتل قىلماڭ. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىڭ، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىمەن، _ دېدى. 25 ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى ۋە پادىشاھقا: _ مەن يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرسىنى تېپىپ كەلدىم، _ دېدى. 26 پادىشاھ دانىيالدىن (بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتىلىدۇ): _ سەن مېنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلەلەمسەن ۋە چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. 27 دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. 28 لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا چۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەندۇر. سىلى تۆشەكتە ياتقان ۋاقىتلىرىدا مۇنداق چۈش ۋە ئالامەتلەرنى كۆردىلە. 29 پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ تۆشەكتە ياتقان ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن چۈشلىرى كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارا قىلالايدىغان خۇدا سىلىگە كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرگەندۇر. 30 بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر. 31 پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، 32 ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە بىلىكى كۈمۈشتىن، قورسىقى ۋە يوتىسى تۇچتىن ياسالغاندۇر. 33 پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى ساپالدىن ياسالغاندۇر. 34 سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، بىر قورام تاش ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. 35 شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى. 36 بۇ سىلىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىدۇر، ئەمدى چۈشلىرىگە تەبىر بېرەي. 37 پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرلا! ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى. 38 ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا. 39 سىلىدىن كېيىن سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. كېيىن يەنە ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھېلىقى تۇچتۇر. ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. 40 ئاخىرىدا تۆتىنچى پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ تۆمۈردەك قاتتىق بولۇپ، تۆمۈر بارلىق نەرسىلەرنى كۇكۇم-تالقان قىلالىغىنىدەك، بۇ پادىشاھلىقمۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇپ، بىتچىت قىلىدۇ. 41 سىلى كۆرگەن ساپال بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان پۇت ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ پارچىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈشلىرىدە تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاش ياسالغاندەك، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ تۆمۈردەك كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ. 42 پۇت بارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۆمۈردىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ ساپالدىن ياسالغانلىقى بۇ پادىشاھلىقنىڭ تۆمۈردەك كۈچلۈك ھەم ساپالدەك ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 43 تۆمۈر بىلەن ساپالنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇدا بولۇش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئويىدا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تۆمۈر بىلەن ساپال ئارلاشمايدىغاندەك، ئۇلارنىڭمۇ بىرلىشەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. 44 ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ. 45 سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ئادەم قولى تەگمىگەن ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن كېسىلىپ كەلگەن قورام تاشنىڭ تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ دانىيالغا ئىنئام بېرىشى 46 پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سېلىش پەرمانىنى چۈشۈردى. 47 ئۇ دانىيالغا: _ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ھەقىقەتەن ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى. 48 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى بابىل پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە بارلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى. 49 ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. دانىيال يەنىلا پادىشاھنىڭ يېنىدا قالدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti