Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

دانىيال 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


زامان ئاخىرى

1 پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.

2 قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.

3 دانا يولباشچىلار ئاسمان گۈمبىزىدەك نۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ.

4 ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.

5 ئاندىن مەن دانىيال ئەتراپقا قارىسام، يەنە ئىككىيلەن تۇرۇپتۇ. بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى قارشى تەرىپىدە ئىكەن.

6 ئۇلاردىن بىرى دەريانىڭ ئۈستىدە تۇرغان، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان ھېلىقى بىرىدىن: _ بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

7 مەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل كېتىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

8 ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: _ ھەزرىتىم، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.

9 ئۇ مۇنداق دېدى: _ ئەي دانىيال، سەن كېتىۋەرگىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىنىپ، مەخپىي تۇتۇلىدۇ.

10 بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ.

11 كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ 1290 كۈن ئۆتىدۇ.

12 ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، 1335 كۈن ساقلىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!

13 ئەي دانىيال، سەن ئاخىرغىچە سادىق بول، كېيىن ئالەمدىن ئۆتىسەن. زامان ئاخىرىدا ئىنئامىڭنى ئالغىلى قايتا تىرىلىسەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan