Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

دانىيال 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرىشتىنىڭ دانىيالغا كۆرۈنۈشى

1 پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ چوڭ بىر ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەقىقىي بىر ۋەھىي ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.

2 ئۇ چاغدا مەن دانىيال ئۈچ ھەپتە ئازابتا يۈردۈم.

3 بۇ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، يەنى گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم.

4 1-ئاينىڭ 24-كۈنى مەن بۈيۈك دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدىم.

5 ئۇ ۋاقىتتا مەن يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم.

6 ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.

7 بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋەھىمىلىك ھېس قىلىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.

8 بۇ ئاجايىپ ئالامەتنى ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز كۆردۈم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇت-قولۇمدا جان قالمىغانىدى.

9 ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە دۈم چۈشتۈم.

10 تۇيۇقسىز بىر قول مېنى يۆلىدى، مەن تىزلىنىپ تۇردۇم، ئەمما پۇت-قولۇم يەنىلا تىترەيتتى.

11 ئۇ ماڭا: _ ئەي دانىيال، خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.

12 ئۇ يەنە: _ ئەي دانىيال، قورقما! سەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدادىن ئىلتىجا قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم.

13 لېكىن پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە مېنى 21 كۈن توسۇۋالدى. مەن پېرسىيەدە يالغۇز بولغاچقا، مىكائىل ئىسىملىك بىر باش پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلدى.

14 مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.

15 ئۇ ماڭا سۆزلەۋاتقاندا، مەن يەرگە تىكىلىپ قارىغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇردۇم.

16 ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا: _ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى.

17 پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرسىزلىنىپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم.

18 ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى.

19 ئۇ ماڭا: _ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، خاتىرجەم بول، چىداملىق، باتۇر بول! _ دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: _ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم.

20-21 ئۇ ماڭا: _ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى»دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ماڭا ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا ھېچكىم ياردەم بەرمەيدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan