كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئەي خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭمۇ ئەرشتە خوجايىنىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. نەسىھەتلەر 2 دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 3 بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم. 4 مېنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قولۇمدىن كېلىشچە ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. 5 ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار. 6 ئۇلارغا قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق يول بىلەن جاۋاب بېرىشنى بىلىۋالالايسىلەر. ئاخىرقى سالام 7 رەببىمىز يولىدا مەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقان سادىق خىزمەتكار، سۆيۈملۈك قېرىندىشىم تىكىكۇس مەن توغرۇلۇق بارلىق ئىشلارنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ. 8 ئۇنى ئەھۋالىمىزنى يەتكۈزۈش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. 9 سادىق، سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ھەم يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ. 10 مەن بىلەن بىللە زىنداندا يېتىۋاتقان بۇرادىرىم ئارىستارخۇس، شۇنداقلا بارنابانىڭ جىيەنى ماركۇستىن سىلەرگە سالام. (ئەگەر ماركۇس يېنىڭلارغا بېرىپ قالسا، ئۇنى تاپىلىغىنىمدەك كۈتۈۋېلىڭلار.) 11 يۇستۇس دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىسامۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە يەھۇدىيلاردىن بولغان ئېتىقادچىلار پەقەت مۇشۇلارلا بولۇپ، ئۇلار ماڭا چوڭ تەسەللى بېرىشتى. 12 ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا. 13 ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن ھەمدە لائودىكىيا ۋە ھېيراپولىس شەھىرىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا سىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. 14 قەدىرلىك تېۋىپ لۇقا ۋە دېماسمۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى. 15 لائودىكىيادىكى قېرىنداشلارغا، بولۇپمۇ نىمفە خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام ئېيتقايسىلەر. 16 بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدىمۇ ئوقۇلسۇن. سىلەر يەنە لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان خېتىمنىمۇ ئوقۇڭلار. 17 ئاركىپۇسقا شۇنى ئېيتىڭلاركى، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوقۇم ئادا قىلسۇن. 18 مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالامنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ پۇت-قوللىرىمنىڭ كىشەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti