Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 مېنىڭ سىلەر ۋە لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر ھەمدە مېنى تېخى كۆرمىگەن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن.

2 مېنىڭ بۇنداق ئىشلىشىم سىلەرنىڭ ئىچ-ئىچىڭلاردىن رىغبەتلىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۆزئارا باغلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن كەلگەن تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشىپ، خۇدا ئاشكارىلىغان سىرنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيسىلەر.

3 بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئەيسا مەسىھكە مۇجەسسەملەنگەن.

4 ھېچكىمنىڭ سىلەرنى چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن.

5 چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن.


ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن يېڭى ھايات

6 سىلەر ئەيسا مەسىھنى رەببىمىز، دەپ قوبۇل قىلغانىكەنسىلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاڭلار.

7 ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ۋە پۇختا قۇرۇلغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولسۇن. سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. قەلبىڭلار خۇداغا بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن.

8 ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن.

9 خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتى بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەن ئەيسا مەسىھتىدۇر.

10 سىلەر روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئۈستۈن تۇرغۇچى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىسىلەر.

11 سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا قىلغان روھىي جەھەتتىكى خەتنىنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ، سىلەرنى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان خەتنىدۇر.

12 چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. بۇ، ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە بولغان ئىشەنچىڭلار ئارقىلىق بولدى.

13 سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق، خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلدى.

14 ئەيسا مەسىھ كرېستكە مىخلانغاندا، خۇدا بارلىق گۇناھلىرىمىز خاتىرىلەنگەن، بىزگە قارشى بولغان ھېساب-كىتابىنى شۇ كرېستكە مىخلاپ، بىكار قىلدى.

15 شۇنداق قىلىپ، خۇدا روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى يامان ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىلەن ئۇلارنى پۈتكۈل ئالەم ئالدىدا نومۇستا قالدۇردى.

16 شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ۋە ھېيت-ئايەم، ھىلال ئاي بايراملىرى ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك جەھەتتە ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئەيىبلەيدىغان ھوقۇقى يوق.

17 بۇنداق قائىدە-يوسۇنلار پەقەت ئەيسا مەسىھ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلاردىن دېرەك بېرىدىغان كۆلەڭگىدۇر. بۇ ئىشلار ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولدى.

18 ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.

19 ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

20-21 سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن ئازاد بولغانىكەنسىلەر، يەنە نېمە ئۈچۈن شۇلارنىڭ «بۇنى تۇتما»، «ئاۋۇنى يېمە»، «بۇنىڭغا تەگمە» دېگەندەك قائىدە-يوسۇنلىرىغا يېپىشىۋالىسىلەر؟

22 بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا بولۇپ، پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇق ۋە تەلىملىرىدىن پەيدا بولغان.

23 روشەنكى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان دىنلاردىكى مۇنداق تەقۋادارلىق، ساختا كەمتەرلىك ۋە ئۆز تېنىنى ئازابقا سالىدىغان قائىدە-يوسۇنلار دانالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار تەبىئىتىمىزدىكى ھەۋەسلەرنى چەكلەشتە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan