كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن 2 كولوسى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سادىق ۋە مۇقەددەس خەلققە سالام. خۇدائاتىمىز سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! شۈكۈر دۇئاسى 3 بىز سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، ھەمىشە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمىز. 4 چۈنكى، بىز سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردىن ۋە خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىڭلاردىن خەۋەر تاپتۇق. 5 سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان ھەقىقىي بايلىققا بولغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن. ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان خۇش خەۋەر سىلەرگە دەسلەپتە يەتكۈزۈلگەن چاغدىلا بۇ ئۈمىد سىلەردە پەيدا بولغان. 6 خۇش خەۋەر سىلەرگە يەتكەندە، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. ئۇشبۇ خۇش خەۋەر ئاراڭلاردا بىرىنچى كۈندىن تارتىپ مېۋە بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكىنىدەك، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا شۇنداق قىلماقتا. 7 سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافىرادىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. 8 ئۇ يەنە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتتىن بىزنى خەۋەردار قىلدى. كولوسىلىقلارغا قىلىنغان دۇئا 9 شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر. 10 شۇنداق بولغاندا، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەر جەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىلەر ھەمدە ھاياتىڭلاردا ھەربىر ياخشى ئىشتا مېۋە بېرىپ، خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيسىلەر. 11 بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ، 12 خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىسىلەر. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى يورۇقلۇقتا ياشاۋاتقان بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ مىراسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا لايىق قىلدى. 13 ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلۇم-زەخمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى. 14 بىز ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئارقىلىق گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق، يەنى گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسى 15 ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 16 چۈنكى، مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 17 ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇتتۇر. بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 18 ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن. 19 خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولۇشىدىن سۆيۈندى 20 ھەمدە ئۇ ئارقىلىق يەر يۈزى ۋە ئەرشتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ سۆيۈندى. 21 ئىلگىرى سىلەرمۇ خۇدادىن ئايرىلىپ، قىلغان يامان ئوي-پىكرىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنىدىڭلار. 22 بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. 23 لېكىن، سىلەر چوقۇم ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار، خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر-يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم. پاۋلۇسنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قىلغان خىزمىتى 24 مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن. 25 خۇدا خوش خەۋەرنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، مېنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ تەيىنلىدى. 26 بۇ خوش خەۋەر ئەلمىساقتىن بۇيان ئاشكارىلانمىغان. ھازىر ئۇنىڭ سىرى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئايان قىلىندى. 27 خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر. 28 شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر. 29 بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن، ھاياتىمدا نامايان بولۇۋاتقان زور كۈچكە تايىنىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتىمەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti