ئاموس 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىلىيەنىڭ ۋەيران بولۇشى توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت 1 ئاندىن مەن بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم. ئۇنىڭدا ئىگەم پەرۋەردىگار قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىبادەتخانا تۈۋرۈكلىرىنىڭ بېشىغا ئۇرۇڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تەۋرىسۇن. ئۆگزىسىنى بۇزۇڭلار، ئاستىدا تۇرغان كىشىلەرنى باسسۇن. مەن ھايات قالغانلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن. ھېچكىم قاچالمايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ! 2 ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ، كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن. 3 ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، تۇتۇپ كېلىمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا، دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن. 4 ئۇلارنى دۈشمەنلىرى سۈرگۈن قىلسا، شۇ يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قىلىچنى بۇيرۇيمەن. مەن ئۇلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم.» 5 ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار زېمىنغا تېگىپ كەتسە، زېمىننى ئېرىتىپ، زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى قايغۇغا سالىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ. 6 ئۇ ئەرشتە ئۆي سېلىپ، ئۇلىنى زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇ دېڭىز سۈيىنى زېمىنغا يامغۇر قىلىپ ياغدۇرىدۇ! «ياھۋەھ» ئۇنىڭ نامىدۇر. 7 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرچە كۇش خەلقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسرائىللاردەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىمدەك، فىلىستىيەلىكلەرنى كرىت ئارىلىدىن، ئارراملارنى قىر زېمىنلىرىدىن ئېلىپ چىقمىدىممۇ؟ 8 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ گۇناھقا تولغان پادىشاھلىقىڭلارغا كۆز تىككەنمەن. مەن ئۇنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. لېكىن مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلمايمەن. 9 مەن ئەمر-پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى يات ئەللەرنىڭ ئارىسىدا دان تاسقىغاندەك تاسقايمەن. لېكىن غەلۋىرىمدىن بىر تال تاشمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ. 10 خەلقىم ئارىسىدىكى بارلىق گۇناھكارلار قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. بۇلار دەل: ‹بىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، بېشىمىزغا بالا-قازا كەلمەيدۇ› دېگەن ئادەملەردۇر.» ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى 11 «ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن. 12 ئىسرائىلىيە خەلقى ئىدومدىن ئامان قالغانلارغا ۋە مېنىڭ نامىم ئاستىدىكى بارلىق ئەللەرگە ئىگە بولىدۇ.» بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇر. 13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق ياخشى كۈنلەر كېلىدۇكى، دېھقانلار مول ھوسۇلىنى يىغىپ بولغۇچە، يەنە بىر يەر ئاغدۇرۇش ۋاقتى كېلىدۇ. ئۈزۈملىرىنى يانجىپ بولغۇچە، يەنە بىر ئۈزۈم پىششىقى كېلىدۇ. تاغلاردىن شەربەت تېمىپ، دۆڭلەردىن ئېقىپ چۈشىدۇ. 14 مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ. باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ. 15 مەن ئۇلارنى ئۇ زېمىندا يىلتىز تارتقۇزىمەن. ئۇلار مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئەمدى يۇلۇپ تاشلانمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti