Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئاموس 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پىشقان مېۋە توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

1 ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا مەن بىر سېۋەت پىشقان مېۋىنى كۆردۈم.

2 ئۇ: _ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن: _ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.

3 ئۇ كۈن كەلگەندە، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ ناخشا ئاۋازلىرى يىغا-زارغا ئايلىنىدۇ. ھەممە يەرنى جەسەت قاپلاپ، شەھەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇلارنى مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتقانمەن! _ دېدى.

4 يوقسۇللارغا زۇلۇم سېلىپ، نامراتلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنلانغانلار قۇلاق سېلىڭلار.

5 سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.

6 كەمبەغەللەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە، موھتاجلارنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالالايتتۇق. ئاشلىقلارنى توپانغا ئارىلاشتۇرۇپ ساتالايتتۇق» دەيسىلەر.

7 پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار پەخىرلىنىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچتى: «مەن ئۇلار قىلغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

8 شۇ سەۋەبتىن زېمىن تەۋرەيدۇ، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار ھازا تۇتىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك لەرزىگە كېلىپ، بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.»

9 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى مەن چۈشتە قۇياشنى پاتۇرۇپ، زېمىنىغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىمەن.

10 بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە، خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن. ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر. سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن. پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»

11 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن زېمىننى ئېچىرقىتىمەن، بۇ نان ۋە سۇغا بولغان ئېچىرقاش بولماستىن، بەلكى مېنىڭ سۆزلىرىمگە بولغان ئېچىرقاش بولىدۇ.

12 ئادەملەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاش ئۈچۈن دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە سەپەر قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمنى ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ.

13 ئۇ كۈندە ياش قىزلار ۋە قىران يىگىتلەر چاڭقاشتىن ھالسىزلىنىدۇ.

14 ‹ئەي دان شەھىرىنىڭ ئىلاھى، ئەي بەئەرشەبا شەھىرىنىڭ ئىلاھى› دەپ، سامارىيەنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر يىقىلىدۇ، قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan