ئاموس 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىچېكەتكە توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت 1 ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. خۇدا بىر توپ چېكەتكىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلىپتۇ. بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۈنۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئىكەن. 2 چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كەچۈرگەيسەن، ئۇلار بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟! 3 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەت يۈز بەرمەيدۇ» دېدى. ئوت توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت 4 ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ. 5 مەن: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، توختىغايسەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟! _ دېدىم. 6 شۇنىڭ بىلەن ئىگەم پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەتمۇ يۈز بەرمەيدۇ» دېدى. تامنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكى ھەققىدىكى غايىبانە ئالامەت 7 ئاندىن كېيىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرسەتتى. ئىگەم تامنىڭ يېنىدا تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى تۇتۇپ تۇرغانىكەن. 8 ئۇ مەندىن: _ ئاموس، سەن نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: _ مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى مۇشۇ تانا بىلەن تەكشۈرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن. 9 ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى چوقۇنىدىغان غەيرىي سەجدىگاھلار ۋەيران قىلىنىدۇ، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ چوقۇنىدىغان جايلىرى خاراب بولىدۇ. مەن قىلىچ بىلەن ياروبئامنىڭ خانىدانلىقىنى يوقىتىمەن، _ دېدى. روھانىي ئامازيانىڭ ئاموسقا قارشى تۇرۇشى 10 بەيتەل شەھىرىنىڭ روھانىيسى ئامازيا ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق ئۇچۇر بەردى: «ئاموس ئىسرائىلىيە خەلقى ئارىسىدا ساڭا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى. 11 ئۇ: ‹ياروبئام قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ› دەيدۇ.» 12 ئاندىن ئامازيا ئاموسقا مۇنداق دېدى: _ ئى غايىبنى بىلگۈچى، بۇ يەردىن كەت، يەھۇدىيە زېمىنىغا كەت. شۇ يەردە ۋەھىي يەتكۈزۈپ، جېنىڭنى باق! 13 لېكىن بەيتەلدە ھەرگىز ۋەھىي يەتكۈزگۈچى بولما. چۈنكى بۇ يەردە خانلىق سەجدىگاھ ۋە خەلقنىڭ چوڭ بۇتخانىسى بار. 14 ئاموس ئامازياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن پەيغەمبەرمۇ ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادىمۇ ئەمەس ئىدىم، پەقەت چارۋىچى ئىدىم. ئەنجۈر دەرەخلىرىنىمۇ پەرۋىش قىلاتتىم. 15 پەرۋەردىگار مېنى پادىلىرىمدىن ئايرىپ، ماڭا: «بېرىپ ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە ۋەھىي يەتكۈزگىن» دېدى. 16 سەن ماڭا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈشنى ۋە ئىسھاق ئەۋلادلىرىغا قارشى سۆزلەشنى توختات» دېدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سال! 17 ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti