ئاموس 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىللارنىڭ جازالىنىشى 1 يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ ئويلايسىلەر، ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ. 2 سىلەر خەلققە پو ئېيتىپ مۇنداق دەيسىلەر: «كالنېھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار! ئۇ يەردىن بۈيۈك بولغان خامات شەھىرىگە بېرىڭلار! ئاندىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گات شەھىرىگە بېرىڭلار! بۇ ئىككى پادىشاھلىق بىزدىنمۇ كاتتىمىكەن؟ ئۇلارنىڭ زېمىنى بىزنىڭ زېمىنىمىزدىنمۇ چوڭمىكەن؟» 3 سىلەر كۈلپەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى خېلى يىراق دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن قىلمىشىڭلار جازا كۈنىنىڭ كېلىشىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. 4 ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر پىل چىشى بىلەن نەقىشلەنگەن كاتلاردا سوزۇلۇپ، دىۋانلاردا يانپاشلاپ ياتىسىلەر. قويلارنى ۋە سېمىز موزايلارنى يەيسىلەر. 5 سىلەر ئۆزۈڭلارنى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىپ، چىلتارلارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىسىلەر. 6 چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ، ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر. ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر. 7 شۇڭا سىلەر ھەممىدىن ئاۋۋال سۈرگۈن قىلىنىسىلەر، سىلەرنىڭ كەيپ-ساپا قىلىپ ياتىدىغان ۋاقتىڭلار ئاياغلىشىدۇ. 8 ئىگىمىز پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى ئۆچ كۆرىمەن. شەھەرلەرنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى دۈشمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.» 9 ئەگەر بىر ئۆيدە پەقەت ئون ئادەم ھايات قالغان بولسا، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ. 10 ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئادەمدىن: «ئۆيدە باشقا ئادەم بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئادەم «يوق» دەپ جاۋاب بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا باشلىغاندا، كەلگۈچى: «ئارتۇق گەپ قىلما، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئالمايلى، بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز!» دەيدۇ. 11 پەرۋەردىگار ئەمر قىلماقتا، چوڭ ئۆيلەر بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، كىچىك ئۆيلەر ۋەيران قىلىنىپ، ئۇششاق داڭگالغا ئايلىنىدۇ. 12 ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار. 13 سىلەر لودىبار شەھىرىنى ئىشغال قىلغىنىڭىلاردىن پەخىرلىنىسىلەر. سىلەر ماختىنىپ: «قارنايىم شەھىرىنىمۇ ئىگىلەشكە قۇربىمىز يەتتى!» دەيسىلەر. 14 لېكىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراپ تۇرۇڭلار، ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى بىر ئەلنى قوزغىتىمەن. ئۇلار شىمالدىكى لىبو-خاماتتىن جەنۇبتىكى ئارابا جىلغىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنىڭلارنى بېسىۋېلىپ، سىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti