Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئاموس 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلىش

1 ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان بۇ ماتەم كۈيۈمگە قۇلاق سېلىڭلار:

2 «پاك قىز ئىدى ئىسرائىلىيە، يىقىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرالماس ئەمدى. ئۇ تاشلىنىپ قالار ئۆز زېمىنىدا، يۆلەپ تۇرغۇزغۇچى يوقتۇر يېنىدا.»

3 ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان مىڭ جەڭچىدىن، پەقەت يۈزى ئامان قايتىپ كېلەر. يەنە بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان يۈز جەڭچىدىن، پەقەت ئونى ئامان قايتىپ كېلەر.»

4 پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ھايات قالىسىلەر مېنى ئىزدىسەڭلار!

5 لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار! گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار! بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار! چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ، بەيتەل يوقىلىدۇ.»

6 پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈڭلار، ھايات قالىسىلەر. بولمىسا، ئەي يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئوتتەك يوپۇرۇلىدۇ. بۇ ئۆچمەس ئوت بەيتەلنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

7 سىلەر ئادالەتنى قىرتاق قىلدىڭلار، ھەققانىيلىقنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار.

8 پەرۋەردىگار ئۈكەر ۋە ئورىيون يۇلتۇزلىرىنى ياراتقۇچىدۇر. ئۇ ئايلاندۇرغۇچىدۇر قاراڭغۇلۇقنى تاڭغا، كۈندۈزنى ھەم كېچىگە. ئۇ دېڭىزدىن سۇ ئېلىپ سەپكۈچىدۇر زېمىنغا، «ياھۋەھ»تۇر ئۇنىڭ نامى.

9 ئۇ كۈچلۈكلەرنى ھالاك قىلار، قورغانلىرىنى ۋەيران قىلار.

10 سىلەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئادالەتنى ياقىلىغۇچى ئاقساقاللارغا ئۆچ، سىلەر ھەق سۆزلىگەنلەردىن بىزار.

11 سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر. شۇڭا سىلەر يونۇلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر، ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر.

12 قىلمىشىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى، گۇناھىڭلارنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن. سىلەر بىگۇناھلارغا زۇلۇم قىلىپ، پارا ئالىسىلەر، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامراتلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر.

13 شۇڭا مۇشۇنداق رەزىل زامانلاردا، ئەقىللىق ئادەملەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ.

14 سىلەر رەزىللىك ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق ھەققىدە ئىزدىنىڭلار، شۇندىلا ھايات قالىسىلەر، ھەمدە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزۈڭلار ئېيتقاندەك سىلەرگە يار بولىدۇ.

15 يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.

16 ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.

17 پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى

18 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ كېلىشىنى كۈتىسىلەر؟ بۇ كۈن يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ!

19 ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.

20 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ كۈنىدە قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، يورۇقلۇق بولمايدۇ.

21 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن سەسكىنىمەن، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئىبادەت سورۇنلىرىڭلاردىن بىزارمەن.

22 گەرچە سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن. سىلەرنىڭ بوردالغان سېمىز موزىيىڭلاردىن سۇنىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارغا پەرۋايىم پەلەك.

23 ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئېيتقان مۇناجاتلىرىڭلارنى مەندىن يىراق قىلىڭلار. چىلتارلىرىڭلارنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق.

24 بۇنىڭ ئورنىغا ئادالىتىڭلار ئېقىن سۇدەك، ھەققانىيلىقىڭلار قۇرماس دەريادەك ئاقسۇن.

25 ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر چۆل-باياۋاندا ياشىغان قىرىق يىل جەريانىدا، راست ماڭىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇندۇڭلارمۇ؟

26 ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار، يەنى ئىلاھىي شاھىڭلار سىكۇت ۋە يۇلتۇز ئىلاھىڭلار كىيۇننى كۆتۈرۈپ يۈرىسىلەر.

27 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى دەمەشقتىنمۇ تېخىمۇ يىراق بولغان جايلارغا سۈرگۈن قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan