ئاموس 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئاب خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھاك ئورنىدا ئىشلەتتى. 2 مەن موئابقا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت قىرىيوتنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش چۇقانلىرى ئاڭلانغاندا، لەشكەرلەر سۈرەن سېلىشقاندا، جەڭ بۇرغىلىرى ياڭرىغاندا، موئاب خەلقى ھالاك بولىدۇ. 3 مەن موئابنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىمەن. ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى قىرىپ تاشلايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» 4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار مېنىڭ قانۇنۇمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرلىرىمگە بويسۇنمىدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەق يولدىن ئازدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ شۇنداق قىلغانىدى. 5 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەھۇدىيەگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت يېرۇسالېمنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.» خۇدانىڭ ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان جازاسى 6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار دۇرۇس ئادەملەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە، كەمبەغەللەرنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىشتى. 7 ئۇلار ئاجىزلارنى خۇددى كوچىدىكى توپىنى دەسسىگەندەك دەسسىدى. يوقسۇللارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى. ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوخشاش بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى. 8 ئۇلار ئۆزلىرىگە گۆرۈگە قويۇلغان كىيىملەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تېگىگە سېلىپ يېتىشتى. ئۇلار بۇتخانىلاردا ناھەق ئېلىنغان جېرىمانىلەر بىلەن سېتىۋېلىنغان شارابلارنى ئىچىشتى. 9 ئەي خەلقىم، كۆز ئالدىڭلاردا ئامورلارنى ۋەيران قىلغان مەن ئەمەسمىدىم؟! ئۇلار خۇددى كېدىر دەرەخلىرىدەك ئېگىز، دۇپ دەرەخلىرىدەك مەزمۇت بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۇچىدىن يىلتىزىغىچە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەنمىدىم؟! 10 ئامورلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋانلاردا قىرىق يىل يېتەكلىگەن مەن ئەمەسمىدىم؟! 11 مەن پەرزەنتلىرىڭلاردىن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدىم، ئاراڭلاردىن ماڭا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىغان ياشلارنى تاللىدىم. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ئەجەبا دېگىنىم توغرا ئەمەسمۇ؟! 12 بىراق سىلەر ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغان بۇ كىشىلەرنى شاراب ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭلار. سىلەر پەيغەمبەرلەرنى ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن توستۇڭلار. 13 ئاشلىق بېسىلغان ھارۋا يەرنى چىڭدىغاندەك، ئەمدى مەن سىلەرنى چىڭداپ، مىجىقىڭلارنى چىقىرىۋېتىمەن. 14 يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھەتتا كۈچلۈكلەرنىڭمۇ قارشى تۇرۇشقا ماغدۇرى يەتمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. 15 ئوقياچىلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەتتا چەۋەندازلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. 16 ئۇ كۈنى ئەڭ باتۇر لەشكەرلەرمۇ قوراللارنى تاشلاپ قېچىشىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti