ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسائۇلنىڭ ئېتىقادچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى 1 ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىنتايىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەلچىلەردىن باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. 2 بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى. 3 لېكىن، سائۇل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئەر-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆيمۇئۆي ئىزدەپ تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاشقا باشلىدى. خۇش خەۋەرنىڭ سامارىيە ئۆلكىسىگە يېتىپ بېرىشى 4 ئېتىقادچىلار قەيەرگە تارقىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلار شۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 5 مەسىلەن، فىلىپ سامارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە: «ھەزرىتى ئەيسا - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ» دەپ جاكارلىدى. 6 كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. 7 جىنلار ئۆزلىرى چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېنىدىن قاتتىق ۋارقىرىغان پېتى چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى. 8 شۇنىڭ بىلەن، شۇ شەھەردىكى كىشىلەر چوڭقۇر خۇشاللىققا چۆمدى. 9 ئۇ شەھەردە شىمون ئىسىملىك بىر باخشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇ جايدىكى خەلقنى بىر مەزگىل ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. ئۇ ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، بەك ماختىناتتى. 10 يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايتتى. كۆپچىلىك: «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ» دېيىشەتتى. 11 ئۇ ئۇزۇندىن بېرى سېھىرگەرلىكى بىلەن خالايىقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كەلگەنىدى. 12 لېكىن، ئۇلار ئەمدى فىلىپ يەتكۈزگەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھكە دائىر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 13 شىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى ۋە چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ ھەمىشە فىلىپ بىلەن بىللە بولدى ھەمدە فىلىپ كۆرسەتكەن زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 14 يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر سامارىيىلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى. 15 ئىككىيلەن ئۇ يەرگە بېرىشى بىلەن ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 16 چۈنكى، ئۇلار رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا مۇقەددەس روھ تېخى چۈشمىگەنىدى. 17 پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. 18 ئەلچىلەر قولىنى تەگكۈزۈپ قويغان كىشىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن شىمون ئەلچىلەرگە پۇل تەڭلەپ: 19 - بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلار. مەنمۇ كىشىلەرنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىمنى تەگكۈزەي، ئۇلار مەن ئارقىلىقمۇ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلسۇن، - دېدى. 20 لېكىن، پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدانىڭ بۇ سوۋغىتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولساڭ، پۇلۇڭ بىلەن بىللە ھالاك بول! 21 بىزنىڭ ئىشىمىزدا سېنىڭ ھەسسەڭ يوق! چۈنكى، خۇدا ئالدىدا نىيىتىڭ خالىس ئەمەس! 22 شۇڭا، يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، خۇدا سېنى كەچۈرەر. 23 چۈنكى، سېنىڭ ھەسەتكە تولۇپ، گۇناھنىڭ تورىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم. 24 شىمون ئۇلارغا: - مەن ئۈچۈن خۇدادىن تىلەڭلاركى، ئېيتقانلىرىڭلاردىن بىرىمۇ بېشىمغا كەلمىسۇن! - دېدى. 25 پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ شەھەردە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيىنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. فىلىپ ۋە ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار 26 شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: - جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان چۆلدىكى يولغا ماڭ! - دېدى. 27 فىلىپ يولغا چىقتى. يولدا ئۇ ئېفىئوپىيىلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتتى. بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولۇپ، يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى. 28 قايتىش يولىدا ئۆز ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ كېتىپ باراتتى. 29 مۇقەددەس روھ فىلىپقا: - ھارۋىغا يېتىشىپ ماڭ، - دېدى. 30 فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەمەلدارنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: - ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى. 31 ئەمەلدار ئۇنىڭغا: - بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! - دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. 32 ئەمەلدار يازمىنىڭ مۇنۇ قىسمىنى ئوقۇۋاتاتتى: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا ئېلىپ بېرىلغان قويدەك، قوي قىرقىغۇچى ئالدىدا ياتقان پاقلاندەك ئۈن-تىن چىقارماي جىم تۇرىدۇ. 33 ئۇ خورلىنىدۇ، ئادىللىق بىلەن سوتلانمايدۇ. ئۇ ئەمدى پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئېلىپ كېتىلىدۇ.» 34 ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار فىلىپتىن: - پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىلغان بولغىيدى؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقىلارغىمۇ؟ - دەپ سورىدى. 35 فىلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئەمەلدارغا ھەزرىتى ئەيساغا دائىر خۇش خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلدار ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 36-37 ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئەمەلدار: - بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. مۇشۇ يەردىلا چۆمۈلدۈرۈلسەم بولمامدۇ؟ - دېدى. 38 ئەمەلدار ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. 39 ئۇلار سۇدىن چىققاندا، مۇقەددەس روھ فىلىپنى باشقا بىر شەھەرگە ئېلىپ كەتتى. ئەمەلدار ئۇنى قايتا كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، خۇشال-خۇراملىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. 40 فىلىپ بولسا ئۆزىنىڭ ئاشدود شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگىچە بولغان ھەممە شەھەرلەرنى كېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti