Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوراق قىلىنىشى

1 پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، بىرنەچچە مويسىپىت روھانىيلار، مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكى بىرنەچچەيلەن كېلىپ قالدى.

2 ئەلچىلەر خالايىققا: «خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئاساس قىلىپ، ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىشىلەر ئىنتايىن غەزەپلەندى.

3 شۇڭا، ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى تۇتقۇن قىلدى. كەچ كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كېچىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى.

4 لېكىن، ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.

5 ئەتىسى، يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى بارلىق باشلىق، ئاقساقال ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى.

6 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش روھانىي ھاننان، قاياپا، يەھيا، ئىسكەندەر ۋە باش روھانىينىڭ باشقا تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى.

7 ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئالدىغا چاقىرتىپ: - سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى.

8 پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى!

9 ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئىش ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق،

10 سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى.

11 مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.» ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»~تۇر!

12 پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر!

13 پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.

14 لېكىن، ساقىيىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ يېنىدا پاكىت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى.

15 شۇنىڭ بىلەن، كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن:

16 - بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇلار كۆرسەتكەن ئاجايىپ مۆجىزىنى پۈتۈن يېرۇسالېم خەلقى بىلىدىكەن، بىز مۇنداق ئىش بولمىغان دېيىشكە ئامالسىز.

17 لېكىن، بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن ئەيسا توغرىسىدا ھېچكىمگە بىر نېمە دېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەيلى! - دەپ مەسلىھەت قىلىشتى.

18 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلەپ تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى.

19 لېكىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا: - خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە بويسۇنۇش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار!

20 ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى.

21 كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئەلچىلەرنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولۇپ،

22 بۇنىڭ سەۋەبى قىرىق يىلدىن بېرى توكۇر ھېلىقى ئادەمنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى.


ئېتىقادچىلارنىڭ بىر نىيەتتە دۇئا قىلىشى

23 پېترۇس بىلەن يۇھاننا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، كېڭەشمىدىكى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى.

24 ئېتىقادچىلار بۇنى ئاڭلىغاندا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئىگىمىز، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان ئۆزۈڭ.

25 سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئەجدادىمىز پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «نېمە ئۈچۈن كاپىرلار خۇدادىن غەزەپلىنىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست قىلىدىغاندۇ؟

26 دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، خۇدا ۋە ئۇ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچىسىغا قارشى جەم بولۇشتى.»

27 دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.

28 ئۇلار بىلمەستىنلا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بىلەن بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

29 ئى رەببىمىز، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن.

30 ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.

31 ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


ئېتىقادچىلارنىڭ پۇل-ماللىرىدىن تەڭ پايدىلىنىشى

32 ئېتىقادچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تېگىشلىك پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بارىغا ئورتاق ئىدى.

33 ئەلچىلەر خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مول بەخت ئاتا قىلغانىدى.

34 ئۇلارنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى، بەزىلەر يەر-زېمىنى، ئۆي-جايىنى سېتىپ،

35 پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇراتتى. ئەلچىلەر پۇلنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلاتتى.

36 مەسىلەن، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلاردىن سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئەلچىلەر ئۇنى بارنابا، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى» دەپ ئاتايتتى.

37 ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزىنى سېتىپ، پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan