Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پاۋلۇسنىڭ رىم شەھىرىگە قىلغان دېڭىز سەپىرى

1 بىزنىڭ سۇ يولى بىلەن ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، رىملىق ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا مەھبۇسلارنى شاھانە قوشۇندىكى يۇلىيۇس ئىسىملىق بىر يۈزبېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

2 بىز ئەدرەمىت شەھىرىدىن ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان كېمىگە ئولتۇرۇپ، سەپەرگە ئاتلاندۇق. ماكېدونىيە ئۆلكىسىنىڭ سالونىكا شەھىرىدىن بولغان ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى.

3 ئەتىسى، سىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى.

4 بىز ئۇ يەردىن يەنە يولغا چىقتۇق. قارشى تەرىپىمىزدىن شامال چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق.

5 كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق.

6 بىز ئۇ يەردە كېمىدىن چۈشتۇق. يۇلىيۇس ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىن ئىتالىيىگە بارىدىغان كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئېلىپ ئۇنىڭغا چۈشتى.

7 دېڭىزدىكى سەپىرىمىز ناھايىتى ئاستا بولدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ناھايىتى تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ بويىغا كەلدۇق. شامالغا قارشى ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇرۇنقى يۆنىلىشىمىز بويىچە ئىلگىرىلىيەلمىدۇق. شۇڭا، كرىت ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ،

8 دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ، ناھايىتى تەسلىكتە ئىلگىرىلىدۇق ۋە لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.

9 سەپىرىمىز خېلى ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈز پەسلى بولۇپ قالغانىدى. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا، پاۋلۇس كۆپچىلىككە:

10 - قېرىنداشلار، مېنىڭچە بۇ يەردىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى خەتەرلىك. مال ۋە كېمە زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەس! - دەپ ئاگاھلاندۇردى.

11 بىراق، يۈزبېشى يۇلىيۇس بولسا كېمە خوجايىنى بىلەن كېمە باشلىقىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى.

12 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرمۇ قىشلاپ قېلىشقا مۇۋاپىق جاي ئەمەس ئىدى. شۇڭا، كۆپچىلىك سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىۋېلىپ شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. چۈنكى، كرىت ئارىلىدىكى بۇ ياخشى پورت شەھىرىگە پەقەت شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمال شامىلى تېگىدىغان بولۇپ، ئۇ شەھەر قىشلاشقا ناھايىتى مۇۋاپىق جاي ئىدى.


دېڭىزدىكى بوران-چاپقۇن

13 جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك ئەسلى پىلان بويىچە ماڭساق بولىدۇ دەپ، دېڭىزدىن لەڭگەرنى چىقىرىپ، كېمىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى ۋە كرىت ئارىلىنى بويلاپ ماڭدى.

14 ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق شەرقىي شىمال بورىنى چىقىپ كەلدى.

15 كېمە بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن، كېمىنى بوراننىڭ ھەيدەپ مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق.

16 كاۋدا دېگەن بىر كىچىك ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇنى ناھايىتى تەستە ساقلاپ قالالىدۇق.

17 كېمىچىلەر كېمە پارچىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ، كېمىنى ئارغامچا بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ لىۋىيە دۆلىتىگە يېقىن يەردە دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەلكەنلەرنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى مېڭىشىغا قويۇپ بەردى.

18 شىددەتلىك بوران توختىمىغانىدى. ئەتىسى، ئۇلار كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى.

19 ئۇنىڭ ئەتىسى كېمىدىكى قورال-سايمانلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.

20 بىز بىرقانچە كۈنلەرگىچە كۈن ۋە يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرەلمىدۇق. بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك داۋاملىشىۋەردى. ئاخىر، قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزدىنمۇ ۋاز كەچتۇق.

21 كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە خېلى كۈنلەر بولغانىدى. پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: - قېرىنداشلار، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ «كرىتتىن يولغا چىقمايلى» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىغان بولساڭلار، بۇ زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتۇق.

22 لېكىن، ئەمدى سىلەرنىڭ غەيرەتلىك بولۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. كېمە غەرق بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچقايسىڭلارنىڭ ھاياتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.

23 چۈنكى، مېنىڭ ئىگەم بولغان ۋە مەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن خۇدا تۈنۈگۈن كېچە بىر پەرىشتىسىنى يېنىمغا ئەۋەتتى،

24 پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن خۇداغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ!» دېدى.

25 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار غەيرەتلىك بولۇڭلار، ئىشىنىمەنكى خۇدا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

26 بىراق، بىز قىرغاققا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنالمايمىز.

27 سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمىمىز تېخىچە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرەتتى. يېرىم كېچىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قالدۇق، دەپ قاراپ،

28 دېڭىزغا ئارغامچا تاشلاپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، قىرىق مېتىر چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئوتتۇز مېتىر چىقتى.

29 ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنى توختىتىش ئۈچۈن كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەر تاشلاپ، تاڭ ئېتىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇردى.

30 كېمىدىن قاچماقچى بولغان كېمىچىلەر كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەر تاشلايمىز دەپ باھانە تېپىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى.

31 لېكىن، پاۋلۇس يۈزبېشى يۇلىيۇس ۋە لەشكەرلەرگە: - بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! - دېدى.

32 بۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.

33 تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، پاۋلۇس كۆپچىلىكنى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا چاقىردى. ئۇ: - سىلەرنىڭ غەم-قايغۇ ئىچىدە ئاچ يۈرگىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى.

34 ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ھېچقايسىڭلارنىڭ بىر تال مويىمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! - دېدى.

35 پاۋلۇس بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ناننى ئوشتۇپ يېدى.

36 بۇنى كۆرگەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ، غىزالىنىشقا باشلىدى.

37 كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق.

38 ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىچىلەر كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.


كېمىنىڭ غەرق بولۇشى

39 تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنى كۆردى. ئۇلار ئۇ يەرنىڭ نەلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى.

40 ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، لەڭگەرلەرنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنى يەنە ھەيدەش ئۈچۈن، كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى باشقۇرىدىغان ئىككى تاختاينىڭ يىپىنى بوشىتىپ، تاختايلارنى دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى چىقىرىپ، شامالنىڭ ياردىمى بىلەن كېمىنى قىرغاققا يېقىنلاتتى.

41 لېكىن، كېمە قىرغاققا يەتكۈچە، دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى. كېمىنىڭ بېشى قۇمغا پېتىپ، مىدىرلىيالماي قالدى، كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.

42 لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى.

43 لېكىن، پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى،

44 ئاندىن قالغانلارنىڭ كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن تاختايلىرىغا ۋە ياغاچلارغا ئېسىلىۋېلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ھەممەيلەن قۇرۇقلۇققا ساق-سالامەت چىقىۋالدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan