Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پاۋلۇسنىڭ ۋالىي فېستۇسنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشى

1 فېستۇس فېلىكسنىڭ ئورنىغا ۋالىي بولۇپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى قەيسەرىيىگە كېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارغانىدى.

2 ئالىي روھانىيلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى فېستۇسقا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن پاۋلۇسنى

3 يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى، ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى.

4 لېكىن، فېستۇس ئۇلارغا: - پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيىدە سولاقتا. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كېتىمەن.

5 سىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىڭلار مەن بىلەن بىللە بارسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر قانۇنسىز قىلمىشلىرى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى.

6 فېستۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون كۈنچە تۇرۇپ، قەيسەرىيىگە قايتىپ كەلدى. ئەتىسى سوت ئېچىپ، پاۋلۇسنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى.

7 پاۋلۇس كىرگەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بىراق، ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.

8 شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ: - مەن يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، مەركىزىي ئىبادەتخانىسىغا ياكى رىم ئىمپېراتورىغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، - دېدى.

9 لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، پاۋلۇستىن: - سېنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىسام قانداق؟ - دەپ سورىدى.

10 - بولمايدۇ! - دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس، - مەن ھازىر رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ ھوقۇقى بىلەن تەيىنلەنگەن سوراقچى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزىڭىزگە مەلۇم، مەن يەھۇدىيلارغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم.

11 ئەگەر جىنايىتىم بولسا ۋە ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مېنى جازالىماڭ، دەپ تەلەپ قىلمىغان بولاتتىم. ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىمەن! ئۆزى مېنى سوراق قىلسۇن!

12 ۋالىي فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا: - سەن رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ سوراق قىلىشىنى تەلەپ قىلدىڭ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىسەن، - دېدى.


ۋالىي فېستۇسنىڭ ئاگرىپا خانگە پاۋلۇس توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

13 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپا خان بىلەن سىڭلىسى بەرنىكى فېستۇسنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، قەيسەرىيىگە كەلدى.

14 ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇس توغرىسىدا ئاگرىپاغا مۇنداق دېدى: - بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار ئىدى.

15 مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي ئالىي روھانىيلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشتى.

16 مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

17 ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي، ئەتىسىلا سوراقنى باشلاپ، ئۇ كىشىنى سوراققا ئەكېلىشنى بۇيرۇدۇم.

18 ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك جىنايەت ھەققىدە ئەمەس ئىدى.

19 ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بۇ كىشى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقىنى ئۆز دىنى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە ئىدى. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن.

20 بۇ مەسىلىنى مەن زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سورىغانىدىم.

21 ھالبۇكى، پاۋلۇس رىمدا، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا، مەن ئۇنى ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنگە قەدەر، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم.

22 ئاگرىپا فېستۇسقا: - مەنمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقاي، - دېدى. - ئەتە ئاڭلايسىز، - دېدى فېستۇس.

23 ئەتىسى، ئاگرىپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەتلىك تەنتەنە بىلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. ھەرقايسى قوماندان ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كېلىشتى. فېستۇسنىڭ ئەمر بېرىشى بىلەن پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى.

24 ۋالىي فېستۇس مۇنداق دېدى: - ئاگرىپا خان ئالىيلىرى ۋە سورۇنغا قاتناشقان جانابلار! بۇ كىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. پۈتۈن يەھۇدىيلار بۇ يەردە ۋە يېرۇسالېمدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان كىشى مانا شۇ.

25 لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر ئۇ، «مېنى رىم ئىمپېراتورى سوراق قىلسۇن» دەپ ئىلتىماس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى رىمغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم.

26 بىراق، بۇ كىشى ھەققىدە مەندە پادىشاھقا مەلۇم قىلغۇدەك ئوچۇق مەلۇمات يوق. شۇڭا، ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ ئاگرىپا خان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم.

27 چۈنكى مېنىڭچە، مەھبۇسنى رىمغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتتىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەسلىك توغرا ئەمەس.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan