Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇس ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى

1 بەش كۈندىن كېيىن، باش روھانىي ھانانىيا ۋە ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن تەرتۇلۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيىگە كېلىپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى ۋالىي فېلىكسكە سۇندى.

2 پاۋلۇس چاقىرتىلدى. تەرتۇلۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: - ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قولى ئاستىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئامان-ئېسەن ياشاپ كەلمەكتىمىز، خەلقىمىزدە ناچار ئىللەتلەر تۈگىتىلىپ، چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

3 بۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا چەكسىز مىننەتدارمىز.

4 مەنكى تەرتۇلۇس ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىشنى خالىمايمەن. قىسقىغىنا ئەرزلىرىمىزنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.

5 بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ جېدەلخور پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رىم ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقان بۆلگۈنچى ۋە شۇنداقلا «ناسىرەلىكلەر» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇھنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر.

6-7 ئۇ بىزنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق.

8 ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنەلەيدىلا!

9 سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ بىر ئېغىزدىن شىكايەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى تەستىقلاشتى.


پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى

10 پاۋلۇس ۋالىي فېلىكسنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: - جانابلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يەھۇدىي خەلقىنى سوراپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم بار. شۇڭا، ئالدىلىرىدا ئۆزۈمنى ئاقلاشقا رازىمەن.

11 ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى.

12 مېنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن تالاش-تارتىش قىلغانلىقىمنى كۆرگەن كىشى يوق ۋە مېنىڭ باشقا ئىبادەتخانىلاردا ياكى شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاممىنى قۇتراتقانلىقىمنىمۇ كۆرگەن كىشى يوق.

13 ئۇلار جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

14 بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى: مەن يەھۇدىيلار خاتا ئېقىم دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسا يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن.

15 مۇشۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، مەنمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

16 شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا تىرىشىمەن.

17 مەن يېرۇسالېمدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا ياردەم پۇلى يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇداغا قۇربانلىق قىلغىلى بارغانىدىم.

18 ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتقىنىدا، مەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈپ سەدىقەمنى سۇنۇۋاتاتتىم، ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق. قالايمىقانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق.

19 ئاسىيا ئۆلكىسىلىك ئاشۇ يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، جانابلىرىنىڭ ئالدىدا دېيىشى كېرەك ئىدى.

20 بولمىسا، قېنى مۇشۇ سورۇندىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تېپىلغانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن.

21 پەقەت شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، «بۈگۈن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. بۇنىڭدا نېمە گۇناھ بار؟!

22 رەببىمىزنىڭ يولىغا نىسبەتەن خېلى بىلىمى بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: - دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى قوماندان لىسىياس كەلگەندە چىقىرىمەن، - دېدى.

23 ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى، لېكىن ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭ مۇئامىلە قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ تۇرۇشىغا يول قويۇشنى بۇيرۇدى.


پاۋلۇس ۋالىي فېلىكس بىلەن درۇسىلانىڭ ئالدىدا

24 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس يەھۇدىي ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كېلىپ، پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولىنى ئاڭلىدى.

25 پاۋلۇس خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەن فېلىكس ئۇنىڭغا: - ھازىرچە قايتىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىن ۋاقتىم چىققاندا، يەنە چاقىرتىمەن، - دېدى.

26 ئۇ پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى كۈتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى.

27 ئىككى يىلدىن كېيىن، ۋالىي فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan