Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: - قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلدىم، - دېدى.

2 بۇنى ئاڭلىغان باش روھانىي ھانانىيا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى.

3 پاۋلۇس ئۇنىڭغا: - ئەي تېشى پال-پال ساختىپەز! سېنى خۇدا ئۇرىدۇ! سەن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتماقچى، لېكىن مېنى ئۇرغۇزۇپ، ئۆزۈڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىسەن! - دېدى.

4 - سەن خۇدانىڭ باش روھانىيسىغا ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتامسەن؟! - دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار.

5 پاۋلۇس: - مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۇنىڭ باش روھانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، ئۇنداق دېمەيتتىم. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلىدىغان باشلىققا تۆھمەت قىلما!» دېيىلگەن، - دېدى.

6 پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.

7 بۇ سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەن تەڭ، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى. كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.

8 چۈنكى، سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە، پەرىشتە ۋە روھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدۇ. لېكىن، پەرىسىيلەر بۇلارغا ئىشىنىدۇ.

9 بۇنىڭ بىلەن، چۇقان-سۈرەن بارغانسېرى كۈچەيدى. پەرىسىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: - بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق خاتالىق تاپالمىدۇق! ئېھتىمال راستتىن بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن بولسا ئەجەب ئەمەس! - دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.

10 تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنى تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىشتىن قورقۇپ قالغان قوماندان لەشكەرلىرىنىڭ زالغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن پاۋلۇسنى زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.

11 شۇ كۈنى كېچىسى، رەببىمىز ئەيسا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: - غەيرەتلىك بول! سەن يېرۇسالېمدا مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، ئەمدى رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك! - دېدى.


پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

12 ئەتىسى ئەتىگەندە، بەزى يەھۇدىيلار مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشتى.

13 بۇ سۇيىقەستنى پىلانلىغۇچىلار قىرىق نەچچە كىشى ئىدى.

14 ئۇلار ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، دەپ قاتتىق قەسەم قىلدۇق.

15 ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى رىم قوماندانىدىن تەلەپ قىلىڭلار. بىز تەييار تۇرۇپ، ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىنىشتىن ئىلگىرىلا جايلىۋېتىمىز، - دېدى.

16 بىراق، بۇ سۇيىقەستتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى دەرھال قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا خەۋەر قىلىپ قويدى.

17 بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: - بۇ ياشنى قوماندان بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. ئۇنىڭ قوماندانغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، - دېدى.

18 يۈزبېشى بۇ ياشنى قومانداننىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: - مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ ياشنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، - دېدى.

19 قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: - مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ - دەپ سورىدى.

20 ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: - يەھۇدىي ئاقساقاللار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا كېلىشتى.

21 ئۇلارغا ماقۇل بولمىغايسىز، چۈنكى قىرىق نەچچە ئادەم ئۇنى يوشۇرۇن كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشىپتۇ. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

22 قوماندان ئۇنىڭغا: - بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن! - دەپ تاپىلاپ، ئۇنى قايتۇردى.


پاۋلۇسنىڭ ۋالىي فېلىكسكە تاپشۇرۇلۇشى

23 قوماندان يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: - ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەر ھازىرلاپ، بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىڭلار!

24 شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلاغ تەييارلاڭلار! - دەپ بۇيرۇدى.

25 قوماندان لىسىياس پاۋلۇس ھەققىدە فېلىكسكە يەنە مۇنداق بىر خەت يازدى:

26 «ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن ئېھتىرام بىلەن سالام!

27 مەقسەتكە كەلسەم، بۇ كىشىنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، لەشكەر باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم.

28 مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم.

29 نەتىجىدە، مەن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ دىنىي قانۇنىغا دائىر مەسىلىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم.

30 كېيىن، مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئۇنى جانابلىرىغا يوللاشنى توغرا تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.»

31 لەشكەرلەر بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى.

32 ئەتىسى، پاۋلۇس ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۇلدى. پىيادە لەشكەرلەر بولسا يېرۇسالېمدىكى قەلئەگە قايتىپ كەلدى.

33 ئاتلىقلار قەيسەرىيىگە بېرىپ، خەتنى ۋالىيغا سۇندى ۋە پاۋلۇسنىمۇ تاپشۇردى.

34 ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى كىلىكىيىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ،

35 ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە بىر تەرەپ قىلىمەن، - دېدى ۋە لەشكەرلەرگە ئۇنى ھىرود خان سالغان ئوردىدىكى بىر ئۆيگە نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan