ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 - ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى پاۋلۇس. 2 ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئارامىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. پاۋلۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: 3 - مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم. 4 ھەزرىتى ئەيسا يولىدا ماڭغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدۇم. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاتتىم. 5 بۇ توغرۇلۇق باش روھانىي ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي باشلىقلارغا يېزىلغان خەتلەرنى ئېلىپ، ئۇ يەردىكى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى جازالاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كىشەنلەپ ئېلىپ كېلىش نىيىتىدە يولغا چىققانىدىم. 6 چۈشكە يېقىن، دەمەشققە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغىنىمدا، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. 7 يەرگە يىقىلدىم. ئاندىن، «سائۇل، سائۇل ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 8 «ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ، «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسىرەلىك ئەيسا!» دېدى. 9 مەن بىلەن بىللە كېتىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمەپتۇ. 10 مەن يەنە، «ئى رەببىم، مەن نېمە قىلاي؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يەردە ئۇقىسەن!» دېدى. 11 ھېلىقى كۈچلۈك نۇردىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. شۇڭا، يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى. 12 ئۇ يەردە ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ خۇداغا ئىخلاسمەن، تەۋرات قانۇنىمىزغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان كىشى بولۇپ، دەمەشقتىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. 13 ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىندىشىم سائۇل، كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن!» دېدى. شۇئان كۆزلىرىم ئەسلىگە كېلىپ، ئۇنى كۆردۈم. 14 ئۇ ماڭا: «ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىشىڭگە تاللىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئادىل خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن سېنى تاللىدى. 15 چۈنكى، سەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يەتكۈزىسەن! 16 شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چۆمۈلدۈرۈلگىن ۋە رەببىمىزگە دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىڭدىن پاكلان!» دېدى. 17 كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدىم. مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، كۆزۈمگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. 18 بۇ ئالامەتتە مەن رەببىم ئەيسانى كۆردۈم. ئۇ ماڭا، «يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دېدى. 19 مەن، «ئى رەببىم، ئۇلار مېنىڭ ھەممە يەردە ئىبادەتخانىلارغا كىرىپ، ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. 20 خەلقنى ساڭا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندە، مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم! ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ كىيىملىرىنى ساقلاپ، قىلمىشلىرىغا قوشۇلغانىدىم! مەن بۇ يەردە تۇرسام، ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە چوقۇم ئىشىنىدۇ» دېدىم. 21 بىراق، رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە، «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت! سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى. 22 پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە باشتىن-ئاياغ قۇلاق سېلىۋاتقان خالايىق ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا: - ئۇنى يوقىتىش كېرەك! ئۆلتۈرۈش كېرەك! ئۇ ئۆلۈشكە تېگىشلىك! - دەپ چۇقان سېلىشتى. 23 ئۇلار بىر تەرەپتىن چۇقان سېلىپ، بىر تەرەپتىن كىيىملىرىنى پۇلاڭلىتىپ، توپا سورۇپ، چاڭ چىقىرىۋەتتى. 24 رىم قوماندانى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلدى ۋە خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ، لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. 25 ئۇلار پاۋلۇسنى تۈۋرۈككە باغلاپ قامچىلىماقچى بولغاندا، پاۋلۇس يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا: - بىر رىم پۇقراسىنى سوتلىمايلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دېدى. 26 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى قومانداننىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن. سىز نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟! - دېدى. 27 قوماندان پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: - ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - راست، - دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس. 28 - مەن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئاران پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدۇم، - دېدى قوماندان. پاۋلۇس: - مەن تۇغۇلۇشۇمدىن شۇنداق! - دېدى. 29 شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇسنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئۇنى باغلاتقان قوماندانمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قورقۇپ كەتتى. چۈنكى، ئۇ بىر رىم پۇقراسىنى قانۇنسىز ھالدا باغلاپ، قامچىلاشقا ئەمر قىلغانىدى. پاۋلۇسنىڭ ئالىي كېڭەشمىدە ئۆزىنى ئاقلىشى 30 قوماندان يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىۋېتىپ، ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti