ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدە 1 ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، 2 ئۇلاردىن: - سىلەر خۇدانىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، بىز مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 3 پاۋلۇس يەنە: - ئۇنداقتا، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ چۈشەندىڭلار؟ - دەپ سورىدى. - بىزنىڭ چۈشەنچىمىز يەھيا پەيغەمبەر بەرگەن تەلىمگە ئاساس قىلىنغان، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 4 - شۇ چاغدا، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرگە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىش نىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىغان، - دېدى پاۋلۇس. 5 ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 6 پاۋلۇس قولىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى ھەم خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. 7 ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى كىشى ئىدى. 8 ئۈچ ئاي داۋامىدا، پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدىكى يەھۇدىيلار ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن يۈرەكلىك سۆزلىشىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى تەلىمگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى. 9 لېكىن، بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشەنمەي، جامائەت ئالدىدا رەببىمىز ئەيسا يولىغا ھاقارەت كەلتۈردى. شۇڭا، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى ئېلىپ ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ھەر كۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ مەكتىپىدە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇردى. 10 بۇ خىزمەت ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، ھەممەيلەن رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولدى. سكېۋانىڭ ئوغۇللىرى 11 خۇدا پاۋلۇس ئارقىلىق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. 12 بەزىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە لۆڭگىلىرىنى پاۋلۇسنىڭ تېنىغا تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قوياتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، جىنلار ئۇلارنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتەتتى. 13 شۇ ئەتراپتا ئايەت ئوقۇپ جىن قوغلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، جىنلارنى ھەيدىۋەتمەكچى بولۇشاتتى. ئۇلار جىنلارغا: «پاۋلۇس ئېيتقان ئەيسانىڭ نامىدىن بۇيرۇيمەنكى، چىقىپ كېتىڭلار!» دەيدىغان بولدى. 14 بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئالىي روھانىينىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. 15 بىر كۈنى ئۇلار جىن چاپلىشىۋالغان بىر كىشىنىڭ تېنىدىكى جىننى قوغلىماقچى بولغاندا، جىن چىقىشقا ئۇنىماي، ئۇلاردىن: - مەن ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇسنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، بىراق ئۆزۈڭلارچۇ؟ ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. 16 شۇنىڭ بىلەن، جىن چاپلىشىۋالغان كىشى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جىن قوغلىغۇچىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. ئۇلار يارىلىنىپ، كىيىملىرى يىرتىلىپ، يالىڭاچ ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. 17 ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. 18 نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. 19 سېھىرگەرلىك قىلغان بىرمۇنچە ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك توغرىسىدىكى كىتابلىرىنى ئەكېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. 20 شۇنداق قىلىپ، رەببىمىزنىڭ تەلىمى ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلدى. ئەفەس شەھىرىدىكى توپىلاڭ 21 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىسى ئارقىلىق يېرۇسالېمغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ: - ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىگە بېرىشىم كېرەك، - دېدى. 22 بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياردەمچىلىرىدىن تىموتىي بىلەن ئېراست ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ بېرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە قالدى. 23 دەل شۇ چاغدا، ئەفەس شەھىرىدە رەببىمىز ئەيسا يولىغا قارشى ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. 24 ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ شەرىپىگە ياسالغان بۇتخانىنىڭ كۈمۈش ھەيكەللىرىنى ياسىغان دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بۇ ھۈنەر بىلەن كۆپ پايدا ئالغانىدى. 25 دىمىترىي ھۈنەرۋەنلىرى ۋە ئۆز خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا: - قېرىنداشلار، بىزنىڭ راۋاج تېپىشىمىزنىڭ ھۈنىرىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 26 ھازىر ھېلىقى پاۋلۇس دېگەن ئەبلەخنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ، «قول بىلەن ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار خۇدا ئەمەس» دېيىش بىلەن، ئەفەس ۋە پۈتۈن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ. 27 بۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزنىڭ نامىغا داغ چۈشۈش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلۇغ ئايال خۇدايىمىز ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ قەدىرلەنمەي، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر ئىبادەت قىلىپ كەلگەن ئايال خۇدايىمىزنىڭ شان-شەرىپىنىڭ يوقىلىش خەۋپىمۇ بولىدۇ! - دېدى. 28 بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، قايتا-قايتا: - بىز ئەفەسلىكلەرنىڭ ئايال خۇداسى ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! - دەپ چۇقان سېلىشقا باشلىدى. 29 بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيىلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى. 30 پاۋلۇس توپىلاڭچىلار ئارىسىغا كىرىپ سۆزلىمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېتىقادچىلار ئۇنى كىرىشتىن توسىدى. 31 ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ پاۋلۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تىياتىرخانىغا بېرىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلماسلىققا ئۈندىدى. 32 بۇ چاغدا، پۈتۈن تىياتىرخانىنىڭ ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولۇپ، بىرى بىرنېمە دەپ ۋارقىرىسا، يەنە بىرى يەنە بىرنېمە دەپ ۋارقىرايتتى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. 33 يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارلىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئۆزلىرىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئالدىغا چىقاردى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلاشقا باشلىدى. 34 بىراق، كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، بۇ ئىشتا ئۇنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ئوخشايدۇ، دەپ قالدى. شۇڭا، كۆپچىلىك تەڭلا: - خۇدايىمىز ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! - دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان سېلىشتى. 35 ئاخىردا، شەھەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: - ئەي ئەفەس خەلقى! بىز ئەفەسلىكلەرنىڭ ئۇلۇغ ئارتېمىس بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن مۇقەددەس تېشىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشى بارمۇ؟! 36 بۇ ئىشلارنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، ئويلىماي بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش چىقىرىپ قويماسلىقىڭلار كېرەك. 37 سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلدىڭلار. لېكىن، ئۇلار يا بۇتخانىنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئوغرىلاپ كەتكىنى، يا بىزنىڭ ئايال خۇدايىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغىنى يوق. 38 ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق. سوراقچىلارمۇ بار. شىكايىتىنى شۇ يەرگە بېرىپ قىلسۇن. 39 باشقا مەسىلىلىرىڭلار بولسىمۇ، قانۇنىي سورۇنلارغا بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىشىڭلار لازىم. 40 رىملىقلار بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ، بىزگە جازا بېرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى بولمىغانىكەن، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە! 41 بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ خەلقنى تارقىتىۋەتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti