ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىكورىنت شەھىرىدە 1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى. 2 پاۋلۇس ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىلانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىملىق كلاۋدىيۇس پادىشاھنىڭ پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيىدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، 3 ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى، بۇرۇندىن چېدىر ياساش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالدى. 4 يەھۇدىيلارنىڭ ھەربىر دەم ئېلىش كۈنىدە، پاۋلۇس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز تەلىمىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. 5 سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. 6 لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى. 7 بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇ يەھۇدىي بولمىسىمۇ، يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا ئىدى. 8 ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 9 بىر كېچە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. بۇ ئالامەتتە رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە. 10 مەن سەن بىلەن بىللە. ساڭا ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار! - دېدى. 11 شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. 12 غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: 13 - بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قۇتراتتى! - دەپ شىكايەت قىلدى. 14 پاۋلۇس سۆز باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي غاللىيو ئۇلارغا: - ئەي يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەرنىڭ شىكايىتىڭلار بىر ناھەقلىق ياكى بىرەر ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولسىدى، ئەلۋەتتە سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سېلىشىمغا توغرا كېلەتتى. 15 بىراق، تالاش-تارتىشىڭلار دىنىي قانۇنۇڭلاردىكى بەزى ئىسىملار ۋە سۆزلەر توغرىسىدا ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار. مەن بۇنداق كىچىك ئىشلارنى سوراق قىلمايمەن! - دېدى. 16 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار سوتتىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. 17 خالايىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق، ۋالىي غاللىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيا شەھىرىگە قايتىپ كېلىشى 18 پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى. 19 ئۇلار ئەفەس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پاۋلۇس پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. 20 ئۇلار ئۇنى بىرنەچچە كۈن ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، لېكىن پاۋلۇس قوشۇلمىدى. 21 پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلارغا: - خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، - دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى. 22 پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە كەتتى. 23 ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى ۋە گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. ئاپوللوسنىڭ ئەفەس ۋە كورىنت شەھەرلىرىدە تەلىم بېرىشى 24 بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ سۆز قابىلىيىتى ئۈستۈن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلى ساۋاتى بار ئىدى. 25 رەببىمىزنىڭ يولى توغرۇلۇق مەلۇم دەرىجىدە تەلىم ئالغان ئاپوللوس رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە قىزغىن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. ئۇنىڭ تەلىمى توغرا بولسىمۇ تولۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىدىنلا بىلەتتى. 26 ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى. 27 كېيىن ئاپوللوس يۇنان ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسلىك ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، يۇناندىكى ئېتىقادچىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى كۈتۈۋېلىشنى سورىدى. ئاپوللوس يۇنانغا بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارغا چوڭ ياردەمدە بولدى. 28 ئۇ جامائەت ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti