Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


تىموتىينىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە ئىشلىشى

1 پاۋلۇسلار دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ كىرىپ ئۆتتى. لىسترادا تىموتىي ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئايال ئىدى، ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى.

2 لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينى ماختىشاتتى.

3 شۇڭا، پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى خەتنە قىلدۇردى.

4 ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بەلگىلىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مۇناسىۋەتلىك، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قارارلارنى ئېتىقادچىلارغا يەتكۈزدى.

5 شۇنداق قىلىپ، ھەرقايسى جامائەتچىلىكتىكىلەرنىڭ ئېتىقادى كۈچەيتىلىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.


ماكېدونىيىلىكنىڭ چاقىرىقى

6 پاۋلۇسلار فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىغا كىرىپ ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويمىغانىدى.

7 ئۇلار مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسانىڭ روھى ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يەنە بىر قېتىم يول قويمىدى.

8 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مىسىيىدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە باردى.

9 شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: - دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! - دەپ تەلەپ قىلدى.

10 پاۋلۇس بۇ ئالامەتنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز دەرھال ماكېدونىيىگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. چۈنكى، خۇدانىڭ بىزنى ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى چۈشەنگەنىدۇق.


لىديانىڭ ئېتىقاد قىلىشى

11 بىز كېمىگە ئولتۇرۇپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سېمادىرەگ ئارىلىغا قاراپ يول ئېلىپ، ئەتىسى ماكېدونىيىدىكى نېئاپولىس شەھىرىگە باردۇق.

12 ئۇ يەردىن ئىچكىرىلەپ، ماكېدونىيىنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپى دېگەن مۇھىم شەھەرگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىملىقلار ئورۇنلىشىۋالغان ۋە ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق.

13 دەم ئېلىش كۈنى، شەھەر سىرتىدىكى دەريا ساھىلىگە باردۇق. خۇددى ئويلىغىنىمىزدەك، ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاينى تاپتۇق. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە توپلانغان ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

14 ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە تىياتىرا شەھىرىدىن كەلگەن لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. سۆسۈن رەڭلىك رەخت ساتىدىغان لىديا گەرچە يەھۇدىي بولمىسىمۇ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. خۇدانىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشى بىلەن، ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلدى.

15 ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.


پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى

16 بىر كۈنى بىز يەھۇدىيلار دۇئا قىلىدىغان جايغا يەنە بىر قېتىم بارغاندا، ئالدىمىزغا بىر دېدەك چىقتى. بۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغان بولۇپ، بۇ روھ ئۇنى باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىغا پال سالىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنلىرىغا پال سېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تېپىپ بەرگەنىدى.

17 ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ: - بۇ كىشىلەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، ئۇلار سىلەرگە قۇتقۇزۇلۇش يولىنى يەتكۈزىدۇ! - دەپ ۋارقىراپ ماڭدى.

18 ئۇ خېلى كۆپ كۈن ئۇدا شۇنداق ۋارقىرىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولغان پاۋلۇس قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى جىنغا: - ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭ تېنىدىن چىق! - دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى.

19 دېدەك پال سالالمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىن، خوجايىنلىرى پۇل تېپىش خىياللىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى بىلىشىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تارتىپ چىقىپ، ئۇلارنى شەھەر مەيدانىغا، باشلىقلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.

20 ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى رىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ: - بۇ يەھۇدىيلار شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

21 ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ قائىدە-تۈزۈملەرنى تارقىتىۋاتىدۇ! بىز رىملىق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ تارقاتقانلىرىنى قوبۇل قىلساق ۋە ئىجرا قىلساق بولمايدۇ! - دەپ شىكايەت قىلدى.

22 كۆپچىلىكمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى. ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن ئۇرۇشقا ئەمر چۈشۈردى.

23 ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلاندى. گۇندىپايغا قاتتىق كۆزىتىش بۇيرۇلدى.

24 بۇ بۇيرۇق بىلەن گۇندىپاي ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرىغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.

25 تۈن يېرىمىغا يېقىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.

26 تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ، زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ سىلكىنىپ كەتتى. زىنداننىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، مەھبۇسلاردىكى كىشەنلەرمۇ چۈشۈپ كەتتى.

27 ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن گۇندىپاي ھەممە مەھبۇسلار قېچىپ كەتسە، ئەمەلدارلار چوقۇم مېنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.

28 لېكىن، پاۋلۇس: - جېنىڭغا زامىن بولما، ھەممىمىز بار! - دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.

29 گۇندىپاي چىراغ ئەكەلدۈرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى.

30 كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: - قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.

31 - رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشىڭ كېرەك. شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! - دېدى ئۇلار.

32 شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

33 شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

34 ئۇ پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ئائىلە بويىچە خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.

35 ئەتىسى ئەتىگەندە، رىم ئەمەلدارلىرى زىندانغا ياساۋۇللارنى ئەۋەتىپ: - ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! - دەپ بۇيرۇدى.

36 گۇندىپاي پاۋلۇسقا: - ئەمەلدارلار سىلاس ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش ئەمرىنى بەردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقساڭلار بولىدۇ. تىنچ-ئامان قايتىڭلار، - دېدى.

37 بىراق، پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: - بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا قانۇنسىز ھالدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار بىزنى ئوغرىلىقچە قوغلىماقچىمۇ؟ بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بىزنى رىم ئەمەلدارلىرى ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! - دېدى.

38-39 ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى رىم ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزدى. ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى ۋە زىندانغا بېرىپ ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىدى. ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

40 زىنداندىن چىققان پاۋلۇس بىلەن سىلاس لىديانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شەھەردىن چىقىپ كەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan