ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيېرۇسالېمدىكى يىغىن 1 ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا: - سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! - دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 2 بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى. 3 شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى. 4 پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى. 5 لېكىن، پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: - ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! - دېدى. 6 شۇڭا، ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. 7 ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، خۇدانىڭ مېنى بىرنەچچە يىل بۇرۇن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تاللىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بار. 8 ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىدىغان خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9 خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى. 10 ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ بويۇنلىرىغا شۇنچە ئېغىر يۈكنى ئارتماقچى بولىسىلەر؟ ئۇنى ئۆزىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن تۇرسا! ئۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ يولىنى سىنىغان بولمامسىلەر؟! 11 ياق! ئۇنداق قىلماڭلار! بىز يەھۇدىيلار رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغاندەك، ئۇلارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ! 12 پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى. 13 ئۇلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، قۇلاق سېلىڭلار! 14 باياتىن پېترۇس خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ ئادەم تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 15 پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ئاموس پەيغەمبەرگە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى يېزىلغان: 16 «كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ۋەيران بولغان پادىشاھلىقىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمەن. ئۇنى خارابىلىكتىن قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. 17 شۇنداق قىلىپ، باشقا ھەرقانداق ئادەم، جۈملىدىن مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ مېنى تاپىدۇ. مەن - سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار، 18 خۇددى بۇرۇنلا ۋەدە قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!» 19 ياقۇپ سۆزىنى خۇلاسىلەپ، مۇنداق دېدى: - شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە خۇداغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئورۇنسىز تەلەپ قويماسلىقىمىز كېرەك! 20 پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. 21 چۈنكى، يەھۇدىيلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بۇ تەلىملەرنى ئۇزۇندىن بېرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ھەرقايسى شەھەردىكى ئىبادەتخانىلاردا يىغىلىپ، ئۆگىنىپ كەلگەن. يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان خەت 22 شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان: 23 «ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام! 24 بىزدىن يېنىڭلارغا بارغان بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ سىلەرنى بىئارام ۋە پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن، بىز ئۇلارغا ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنى تاپشۇرمىغانىدۇق. 25 شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى قەدىردان دوستلىرىمىز بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 26 بۇ ئىككىيلەن ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە بولغان كىشىلەردۇر. 27 شۇڭا، بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنىمۇ خېتىمىزدىكى قارارلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 28 مەقسەتكە كەلسەك، بىز مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن زۆرۈر بولغان ئىككى-ئۈچ بەلگىلىمىدىن سىرت، سىلەرگە ھەرقانداق بىر ئېغىر يۈك يۈكلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 29 زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!» 30 ۋەكىللەر يولغا چىقىپ، بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. 31 ئۇلار خەتتىكى مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. 32 يەھۇدا ۋە سىلاسلار پەيغەمبەر بولۇپ، ئېتىقادچىلارغا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. 33 يېرۇسالېمدىن كەلگەنلەر ئۇ يەردە ئازراق ۋاقىت تۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ قېشىغا قايتتى. ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ئۇلارنى ئۇزىتىپ، سەپىرىگە ئامانلىق تىلىدى. 34-35 لېكىن، پاۋلۇس ۋە بارنابا ئانتاكيادا يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ، باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بىللە رەببىمىز ئەيسا توغرىسىدىكى تەلىمنى يەتكۈزۈپ تۇردى. پاۋلۇس بىلەن بارنابانىڭ ئايرىلىپ كېتىشى 36 ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى. 37 بارنابا ماقۇل كۆرۈپ، يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. 38 بىراق، پاۋلۇس بۇنى دانا پىكىر ئەمەس، دەپ قارىدى. چۈنكى، ماركۇس ئالدىنقى قېتىم ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماي، پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. 39 پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ ئىش يۈزىسىدىن قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارنابا ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. 40 پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللاپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن سىلاسنى خۇداغا ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ يولغا چىقتى. 41 پاۋلۇسلار سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ، ھەرقايسى جايلاردا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti