Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇقەددەس روھنىڭ بارنابا بىلەن سائۇلنى ئەۋەتىشى

1 ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى.

2 بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: - بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، - دېدى.

3 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئازراق ۋاقىت روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، بارنابا بىلەن سائۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.


بارنابا بىلەن سائۇل سىپرۇستا

4 مۇقەددەس روھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىققان بارنابا بىلەن سائۇل سەلەكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇس دېگەن ئارالغا قاراپ يولغا چىقتى.

5 ئۇلار سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

6 ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان باريەشۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سېھىرگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

7 ئۇ سېھىرگەر بۇ ئارالنىڭ بىلىملىك رىملىق ۋالىيسى سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. ۋالىي سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى.

8 لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى.

9 بىراق، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن سائۇل (گرېكچە ئىسمى پاۋلۇس ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ،

10 ئۇنىڭغا: - ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟!

11 ئەمدى خۇدا سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! - دېدى. شۇئان، ئەلىماس كۆزلىرىنى بىر قارا تۇمان توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆتۈندى.

12 يۈز بەرگەن ئەھۋالنى كۆرگەن ۋالىي ئۇلارنىڭ رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى تەلىملىرىگە ھەيران بولۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.


پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

13 پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە ئولتۇرۇپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىنىڭ پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.

14 پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، دەم ئېلىش كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى.

15 تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: - قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، - دېدى.

16 پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، خالايىقنى تىنچىتىپ، مۇنداق دېدى: - ئەي ئىسرائىللار ۋە يەھۇدىي ئەمەس تەقۋادارلار، قۇلاق سېلىڭلار!

17 ئىسرائىللار ئەزەلدىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى تاللىدى. ئۇلار مىسىردا ياشىغان مەزگىلدە، خۇدا ئۇلارنى ئۇلۇغ بىر مىللەت قىلدى. خۇدا كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، قۇللۇق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى ۋە

18 چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى.

19 ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى.

20 بۇ ئىشلارغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 450 يىل كەتتى. كېيىن خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە ئۇلارغا باتۇر يېتەكچىلەرنى تىكلەپ بەردى.

21 كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى.

22 بىراق، خۇدا سائۇلنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ بەردى. خۇدا پادىشاھ داۋۇت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت مېنى بەك خۇش قىلدى. ئۇ مەن نېمە دېسەم، شۇنى قىلىدۇ!»

23 خۇدا بۇرۇن ۋەدە بەرگىنىدەك، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى. ئۇ - ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر!

24 ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن، يەھيا پەيغەمبەر چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

25 يەھيا پەيغەمبەر ۋەزىپىنى تاماملاش ئالدىدا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەيسىلەر؟ مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەمسىلەر؟ ياق! مەن سىلەر كۈتكەن ئادەم ئەمەسمەن. ئۇ مەندىن كېيىن كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»

26 ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.

27 يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، چۈشەنمەيتتى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق دېيىشى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشتى.

28 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس قوشۇلدى.

29 ئۇلار بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىنى بىلمەستىن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى كرېستتىن چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىندى.

30 لېكىن، خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى!

31 تىرىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىللە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ قېتىم كۆرۈندى. ھازىر بۇ كىشىلەر ئىسرائىل خەلقىگە ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتىدۇ!

32-33 بىزمۇ ھازىر بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرۈش بىلەن، ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىسىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇردى! بۇ ھەقتە پادىشاھ داۋۇت زەبۇرنىڭ ئىككىنچى نەزمىسىدە ئالدىن مۇنداق خاتىرىلىگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم. بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.»

34 خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەڭگۈ چىرىمەس قىلىپ تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق يېزىلغان: «پادىشاھ داۋۇتقا قىلغان ۋەدەمدە تۇرۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ۋە مۇقەررەر بەخت ئاتا قىلىمەن!»

35 بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ يەنە بىر يېرىدە تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق يېزىلغان: «خۇدا، سەن سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن.»

36 بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن.

37 ھەزرىتى ئەيسا بولسا خۇدا تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تېنى پەقەت چىرىمىدى.

38 شۇڭا قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىزنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان گۇناھتىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغانلىرى ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ!

39 مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇشقا ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. خۇدا پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىقلا سىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ قارايدۇ.

40 شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭلار!:

41 «قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار! ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر! چۈنكى، مېنىڭ زامانىڭلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى كۆرگىنىڭلاردا، كىشىلەر ئۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر!»

42 پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارنى كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

43 جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباغا ئەگەشتى. بۇ ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!» دەپ رىغبەتلەندۈردى.


پاۋلۇسنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يۈزلىنىشى

44 كېيىنكى دەم ئېلىش كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى.

45 بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى.

46 لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز!

47 چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: «يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلىپ ئەۋەتتىم.»

48 يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشتى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ تەلىملەر ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. خۇدا تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا تاللانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

49 شۇنداق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتۈن زېمىنغا كەڭ تارقالدى.

50 بىراق، يەھۇدىيلار شەھەر باشلىقلىرىنى ۋە ئابرويلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.

51 شۇڭا، پاۋلۇس بىلەن بارنابا ھېلىقى يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە كېتىپ قالدى.

52 ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan