Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پېترۇسنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى ئاقلىشى

1 ئەلچىلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى باشقا ئېتىقادچىلار بەزى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى.

2 شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئەيىبلەپ:

3 - سېنىڭ خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولغىنىڭ زادى قانداق ئىش؟! - دېدى.

4 پېترۇس پۈتۈن ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردى.

5 ئۇ مۇنداق دېدى: - جاففا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختاپ قالدى.

6 سەپ سېلىپ قارىسام، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار ئىكەن.

7 كېيىن، ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

8 مەن: «ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم.

9 بىراق، ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

10 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.

11 دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيىدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

12 مۇقەددەس روھ مېنى، گەرچە ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. جاففادىن كەلگەن بۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيىگە يېتىپ كېلىپ، كورنىلىي ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.

13 كورنىلىي بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل،

14 ئۇ ساڭا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ قۇتقۇزۇلۇش يولىنى سۆزلەپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.

15 مەن گەپ قىلىشقا باشلىغاندا، مۇقەددەس روھ خۇددى بۇرۇن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى.

16 شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسانىڭ: «يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم.

17 ناھايىتى روشەنكى، بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى! شۇنداق تۇرسا، مەن خۇداغا قانداقمۇ توسقۇنلۇق قىلالايتتىم؟!

18 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.


ئانتاكيا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار

19 ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سۇرىيىدىكى ئانتاكيا شەھىرى دېگەن جايلارغا كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.

20 لېكىن، سىپرۇس ئارىلى ۋە كىرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ يەتكۈزدى.

21 رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلار بىلەن بىللە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

22 بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بارنابانى ئانتاكياغا ئەۋەتتى.

23 بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

24 ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل، ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.

25 كېيىن، بارنابا تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ بېرىپ،

26 ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى. ئىككىيلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن بىللە ساق بىر يىل تۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەمگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى. ئېتىقادچىلارنى «خرىستىئانلار» دەپ ئاتاش ئانتاكيادىن باشلاندى.

27 ئۇ كۈنلەردە، يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا بەزى پەيغەمبەرلەر كەلدى.

28 بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن رىم دۇنياسىدا قاتتىق ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى. (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە كلاۋدىيۇس پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا يۈز بەردى.)

29 بۇنىڭ بىلەن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، پۇل ئىئانە قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

30 ئۇلار بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توپلىغان ئىئانىلىرىنى بارنابا ۋە سائۇل ئارقىلىق يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan