Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


رىملىق يۈزبېشىغا پەرىشتىنىڭ كۆرۈنۈشى

1 قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى.

2 ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ خۇشى يوق رىملىقلاردىن بولسىمۇ، مەردلىك بىلەن نامرات يەھۇدىيلارغا پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى.

3 بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: - كورنىلىي! - دەپ چاقىردى.

4 كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.

5 ئەمدى سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك كىشىنى چاقىرتىپ كەل.

6 ئۇ شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى بولسا دېڭىز بويىدا، - دېدى.

7 ئۇنىڭغا گەپ قىلغان پەرىشتە غايىب بولغاندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن ئىككىنى ۋە شەخسىي ياردەمچىلىرى ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى.

8 بولغان ئىشلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى جاففاغا ئەۋەتتى.


پېترۇسقا خۇدادىن ۋەھىي كېلىشى

9 ئەتىسى ئۇلار جاففاغا يېقىن بارغاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى.

10 ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلگەنىدى. تاماق تەييارلىنىۋاتقاندا، پېترۇسنىڭ كۆزىگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى.

11 ئاسمان يېرىلىپ، كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىدەك بىر ھالەتنى كۆردى.

12 داستىخاندا ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھارام ھايۋانلارمۇ بار ئىدى.

13 ئۇنىڭغا: - ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

14 - ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن! - دېدى پېترۇس.

15 بىراق، پېترۇسقا يەنە: - خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېسەڭ بولمايدۇ! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

16 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، داستىخانغا ئوخشايدىغان ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.

17 پېترۇس كۆزىگە كۆرۈنگەن ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي ئويلاپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر شىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ:

18 - سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر مېھمان بۇ يەردە تۇرامدۇ، قانداق؟ - دەپ توۋلىدى.

19 پېترۇس تېخىچە ھېلىقى غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى زادى نېمىدۇ، دەپ ئويلاۋاتاتتى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى.

20 پەسكە چۈش! ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلارنى كاپىر دېمەي، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بار. چۈنكى، ئۇلارنى مەن ئەۋەتتىم! - دېدى.

21 پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە: - سىلەر ئىزدىگەن كىشى مەن بولىمەن. بۇ ياققا كېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمىكىن؟ - دېدى.

22 - بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس پەرىشتىسى ئۇنىڭغا، سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇغان! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

23 بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. جاففادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە باردى.

24 ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيىگە يېتىپ باردى. كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە يىغىپ، پېترۇسلارنى كۈتۈپ تۇراتتى.

25 پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلدى.

26 پېترۇس دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: - ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا بىر ئادەم! - دېدى.

27 پېترۇس كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان جامائەتنى كۆرۈپ،

28 ئۇلارغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

29 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ئىككىلەنمەي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم، مېنى نېمىشقا چاقىردىڭلار؟ - دېدى.

30 كورنىلىي مۇنداق دېدى: - تۆت كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە ئادەم شەكلىدە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ:

31 «كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار.

32 شۇڭا، جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ تېرە ئەيلىگۈچى شىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا» دېدى.

33 شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە دېگەن بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تەييار تۇرۇپتىمىز.


خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشى

34-35 پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم.

36 سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.

37 سىلەرنىڭ يەھيا پەيغەمبەر چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ناسىرەلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقەلەردىن خەۋىرىڭلار بار.

38 خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.

39 بىز ئەلچىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ باشقا يەرلىرىدە قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. گەرچە ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمدا كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،

40-41 ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى. بىراق، ھەممە كىشىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزى تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغان بىز ئەلچىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى.

42 ئۇ بىزنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشىمىزنى، تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خەلققە جاكارلىشىمىزنى بۇيرۇدى.

43 پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەقتە: «ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن.


مۇقەددەس روھنىڭ يەھۇدىي ئەمەس مىللەتلەرگە چۈشۈشى

44 پېترۇس خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرىنى قىلىۋاتقاندا، ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى.

45 پېترۇس بىلەن بىللە جاففادىن كەلگەن، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلغىنىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى.

46 ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىپ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيىلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى شۈبھىسىز ئىدى. شۇڭا، پېترۇس:

47 - خۇدا خۇددى بىزگە ئاتا قىلغاندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغان تۇرسا، ئۇلارنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا كىم قوشۇلمايتتى؟! - دېدى.

48 شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە بىرنەچچە كۈن تۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan