تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى، 2 پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن. 3 چۈنكى، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى، ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ. 4 ھەق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، بىمەنە ئەپسانىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. 5 لېكىن، سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى سەگەك تۇت. ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. ھەر ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولۇپ، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىل. 6 ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى. 7 مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم. 8 ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ. ئاخىرقى سۆزلەر 9 يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كېلىشكە تىرىش. 10 چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى. 11 يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەل. ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ. 12 تىكىكۇسنى ئەفەس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. 13 كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە بولغان ۋاقتىمدا كارپۇسنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويغان تونۇم بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. 14 مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ. 15 سەنمۇ ئۇنىڭدىن ھوشيار بول. چۈنكى، ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى. 16 بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي. 17 لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 18 رەببىمىز مېنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى ئۆز پادىشاھلىقىغا بىخەتەر يەتكۈزگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! ئاخىرقى سالام 19 مەندىن پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيت. 20 ئېراست كورىنت شەھىرىدە قالدى. تروفىم كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېت شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم. 21 قىش كىرىپ كەلگۈچە، بۇ يەرگە كېلىشكە تىرىشقىن. ئېۋۇل، پۇد، لىن، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. 22 رەببىمىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاي. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولسۇن! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti