تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئاخىر زامان شۇنى بىلگىنكى، ئاخىر زاماندا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. ئۇ چاغدا، ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، ماختانچاق، تەكەببۇر ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلىدىغان، كۆيۈمسىز، باشقىلارنى كەچۈرمەيدىغان، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، شۇنداقلا خەير-ساخاۋەتنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئۇلار ساتقۇن، تەلۋە ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ، كەيپ-ساپانى خۇدادىن ياخشى كۆرىدۇ. سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئىرادىسى ئاجىز، گۇناھقا پاتقان ۋە ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئاياللارنى ئازدۇرىدۇ. بۇنداق ئاياللار ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلايدۇ ۋە ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ياننى بىلەن يامبىرىياننى بىلەن يامبىرى ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن قايتىشىدىن بۇرۇن، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان مىسىر پادىشاھىنىڭ سېھىرگەرلىرىدۇر. مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. بۇ ئازدۇرغۇچىلارنىڭ قەلبى چىرىپ كەتكەن، ئېتىقادى ساختا بولۇپ، ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن رەت قىلىنغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇزۇنغا داۋاملىشالمايدۇ. چۈنكى، ياننى بىلەن يامبىرىنىڭ ئەقىلسىزلىقى پاش بولغاندەك، بۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىمۇ خالايىق ئالدىدا چوقۇم پاش بولىدۇ. پاۋلۇسنىڭ ۋەسىيەتلىرى 10-11 لېكىن، سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم ھەمدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار. 12 ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، خۇداغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. 13 رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ. 14 لېكىن، سەن ھازىرغىچە ئۆگىنىپ كەلگەن ۋە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇر. چۈنكى، بۇ ھەقىقەتنى ئىشەنچلىك كىشىلەردىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن. 15 سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى. 16 پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ، ھەقىقەت توغرىسىدا تەلىم بېرىش، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش، سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيلىققا يېتەكلەشكە پايدىلىقتۇر. 17 ئۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرغۇزالايدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti