تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەيسا مەسىھنىڭ سادىق جەڭچىسى 1 ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول. 2 سەن مەندىن ئۆگەنگەن تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان ۋە بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگىن. 3 ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، مەن بىلەن بىرگە ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. 4 جەڭچى بولغان كىشى ئۆز قوماندانىنى رازى قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا باشقا پۇقرالاردەك ئارىلاشماسلىقى كېرەك. 5 مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 6 ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ئالغان ھوسۇلىدىن ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولىدۇ. 7 بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ياخشى ئويلا، چۈنكى رەببىمىز ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەقىل بېرىدۇ. 8 سەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېسىڭدە تۇت. مانا بۇ، مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر. 9 بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ. 10 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن. 11 تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتتا بىللە ياشايمىز. 12 قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ. 13 بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتچى 14 بۇ ئىشلارنى داۋاملىق ئېتىقادچىلارنىڭ سەمىگە سال. خۇدا ئالدىدا ئۇلارنى بىمەنە سۆزلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلماسلىققا بۇيرۇغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىدۇ. 15 خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمايدىغان، بەلكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتچى قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىش. 16 خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمىگەن قۇرۇق گەپلەردىن ساقلان. چۈنكى، بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار خۇدادىن تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ. 17 ئۇلارنىڭ گەپلىرى خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. ئىمېنېي ۋە فىلېتلارمۇ مانا شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلغۇچىلاردىندۇر. 18 ئۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى دەپ،بۇ ╟بىر ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ. بۇ تىرىلىش پەقەت روھىي جەھەتتە بولۇپ، كەلگۈسىدە تەن جەھەتتە يۈز بەرمەيدۇ╚ دېگەن خاتا كۆزقاراشتۇر. ھەق يولدىن چەتنەپ، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. 19 بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل ئۇل - ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: ╟رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ╚، ╟ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.╚ 20 باي ئائىلىلەردە پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارلا بولۇپ قالماي، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار ئالاھىدە سورۇنلاردا، باشقىلىرى بولسا ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ. 21 ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى يۇقىرىقى يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك بولىدۇ ھەمدە خوجايىنىغا، يەنى خۇداغا ياراملىق كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. 22 شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە. 23 ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل. چۈنكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. 24 رەببىمىزنىڭ خىزمەتكارى جېدەلخور بولماسلىقى، ئەكسىچە ھەممىگە مېھرىبان ۋە تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك. 25 رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. 26 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تورىدىن قۇتۇلالايدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti