Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1-2 ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىش ۋەدىسىنى جاكارلاش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


شۈكۈر ۋە مەدەت

3 مەن خۇددى ئەجدادلىرىمغا ئوخشاش، خۇداغا پاك ۋىجدانىم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مەن سەن ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، دۇئالىرىمدا سېنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن.

4 ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ.

5 سېنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىڭ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىدە ۋە ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان ئېتىقادنىڭ ئەمدى سەندىمۇ بار ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

6 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى يادىڭغا سالايكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغان چاغدا، خۇدا ساڭا بەرگەن قابىلىيەتنى تولۇق ئىشلەتكەيسەن.

7 چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

8 شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر.

9 خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى.

10 ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى ئېچىپ بەردى.

11 مەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى ۋە ئەلچىسى، شۇنداقلا ئۇ توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

12 ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..

13 ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشاپ، مەندىن ئاڭلىغان ھەقىقىي تەلىملەرنى نىزام قىلىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇر.

14 ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بار بولغان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلا.

15 ئاڭلىغىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكىبۇ يەردىكى ئاسىيا ئۆلكىسى ھازىرقى تۇركىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېل ۋە ئېرموگېنمۇ بار.

16 رەببىمىز ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى، ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى.

17 رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە ئۇ مېنى تاپقۇچە كۆپ ئاۋارە بولۇپتۇ.

18 قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ رەببىمىزنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. ئەفەس شەھىرىدە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان نۇرغۇن خىزمىتىدىن سېنىڭمۇ ئوبدان خەۋىرىڭ بار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan