Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -


سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار

1 قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن.

2 خۇدانىڭ بىزنى رەزىل ۋە يامان ئادەملەردىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىلا ئادەم رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنى يوق.

3 ئەمما، رەببىمىز ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ.

4 خۇدا سىلەرنىڭ بۇيرۇغانلىرىمىزنى قىلىۋاتقانلىقىڭلار ۋە داۋاملىق قىلىدىغانلىقىڭلار ھەققىدە بىزگە ئىشەنچ بەردى.

5 رەببىمىز ئەيسا سىلەرنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىگەي ۋە سىلەرنى ئۆزىگە ئوخشاش چىداملىق قىلغاي.


ئىشلىگەن چىشلەيدۇ

6 قېرىنداشلار، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، كۈن بويى لاغايلاپ يۈرگەنلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى رەببمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمىز.

7 بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر. چۈنكى، بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا، ھۇرۇنلۇق قىلىپ، لاغايلاپ يۈرمىگەنىدۇق.

8 ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق.

9 بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم سوراشقا ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.

10 بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا، سىلەرگە: «ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ!» دېگەنىدۇق.

11 لېكىن، ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ ھېچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار بىكارچىلىقتا باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرۈپتۇ.

12 بۇنداقلارغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن نان تېپىپ يەڭلار.

13 لېكىن سىلەر، قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشماڭلار.

14 ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلارنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلاشماڭلار.

15 بىراق، ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇلارغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.


تىلەكلەر

16 ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت ھەر جايدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي. رەببىمىز ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!

17 مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ، مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر.

18 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan