سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ مىفىبوشەتكە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشى 1 بىر كۈنى داۋۇت: _ سائۇل جەمەتىدىن ھايات قالغانلاردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ ئەگەر بولسا مەن يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە مېھىر-شەپقىتىمنى كۆرسىتەي. 2 سائۇلنىڭ جەمەتىنىڭ زىبا ئىسىملىك بىر غوجىدار بار ئىدى. ئۇنى داۋۇتنىڭ يېنىغا چاقىرتىپ كېلىشتى. _ سەن زىبا بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭدىن. _ ھەئە ئالىيلىرى، مەن بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 3 _ سائۇل جەمەتىدىن بىرەر ئادەم قالغاندۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتكۈم بار، _ دېدى پادىشاھ. _ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھاياتتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا. 4 _ ئۇ نەدە؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. _ ئۇ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا. 5 شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. 6 سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت. _ لەببەي، _ دېدى ئۇ. 7 _ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت ئۇنىڭغا. 8 _ پېقىر ئۆلۈك ئىتتەك قەدىرسىز بىر ئادەممەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىق قىلىشلىرىغا ئەرزىمەيمەن، _ دېدى مىفىبوشەت يەنە بىر مەرتەم تەزىم قىلىپ. 9 پادىشاھ داۋۇت سائۇلنىڭ غوجىدارى زىبانى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتكە بەردىم. 10 سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە بارلىق خىزمەتكارلىرىڭ خوجايىنىڭنىڭ يەرلىرىنى تېرىپ، ئالغان ھوسۇلنى ئۇنىڭغا بەرگىن. خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت بولسا دائىم مەن بىلەن بىر داستىخاندا بولىدۇ، _ دېدى. (زىبانىڭ 15 ئوغلى، 20 خىزمەتكارى بار ئىدى.) 11 زىبا پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پېقىرلىرى بەجا كەلتۈرىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىفىبوشەت خۇددى پادىشاھنىڭ ئوغلىدەك پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىدىغان بولدى. 12 مىفىبوشەتنىڭ مىكا ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. 13 ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئەمدى يېرۇسالېمدا ياشاپ قالدى ۋە دائىم پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ تۇردى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti