سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ يات ئەللەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى 1 مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى ۋە بۇ زېمىننى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى. 2 ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن تانا بىلەن ئۇلارنى ئۆلچەپ، ئىككى تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. 3 زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. 4 داۋۇت ئۇنىڭ 1700 ھارۋىلىق لەشكىرىنى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتلارنى قالدۇرغاندىن سىرت، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى. 5 دەمەشقتىكى ئارراملار زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت ئارراملاردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 6 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى. 7 داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ، يېرۇسالېمغا قايتتى. 8 پادىشاھ داۋۇت يەنە ھادادئەزەرنىڭ بەتاخ ۋە بېروتاي دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. 9 خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 10 ئوغلى يورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە، توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى. 11-12 پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىغا قوشۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى. 13 داۋۇت تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ناھايىتى داڭ چىقاردى. 14 ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى 15 داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى. 16 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 17 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى، 18 يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti