Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسى

1 ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.

2 بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

3 ناتان داۋۇتقا: _ كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىزگە ياردۇر، _ دېدى.

4 لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتان پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

5 _ سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «مەن تۇرىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن سالماقچىمۇ؟

6 مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىنى ماكان قىلىپ باقمىدىم، بەلكى ئىبادەت چېدىرى بىلەن بىرگە كۆچۈپ، ئايلىنىپ يۈردۈم.

7 مەن خەلقىم ئىسرائىللار بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا، ئۇلارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باقتىممۇ؟

8 مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدىم.

9 قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.

10-11 مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن.

12 سەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن.

13 مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.

14 مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا بالىسىنى جازالىغاندەك، مەنمۇ ئۇنى جازالايمەن.

15 سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن ئۇنى ھېچقاچان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلمايمەن.

16 سېنىڭ نەسلىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»

17 ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.


داۋۇتنىڭ دۇئا ۋە مەدھىيەسى

18 شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟!

19 ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟

20 ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن مەن قۇلۇڭنى بىلىسەن، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن!

21 سەن ئۆز ئىرادەڭ بويىچە شۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە بۇ ئىشلارنى قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ.

22 ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، نەقەدەر ئۇلۇغدۇرسەن، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. بىز سەندىن باشقا خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.

23 يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. سەن يات ئەللەرنى ئىلاھلىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆزۈڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتتىڭ.

24 ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈلۈك ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.

25 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەن قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈ تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن.

26 شۇندىلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ھۇزۇرۇڭدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ.

27 ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن مەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.

28 ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن! سېنىڭ سۆزلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر. سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ.

29 ئەمدى مەن ساڭا شۇنداق ئىلتىجا قىلايكى، مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغايسەن! ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ۋەدەڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر قىلغايسەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan